ئاۋسترالىيە بىلەن ھىندىستان خىتاي تەھدىتىگە قارشى زامانىۋى ھەربىي قوراللارنى سېتىۋالماقچى ئىكەن

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2023.03.17

خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا خىتاي ئارمىيەسىنى «پولات ئىستىھكام» قىلىپ قۇرۇپ چىقىدىغانلىقىنى جاكارلاپ، ھەربىي ھازىرلىقلارنى تېخىمۇ كۈچەيتىدىغانلىقى ھەققىدە شەپە بەردى. ئەتراپتىكى دۆلەتلەر خىتاينىڭ بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقان ھەربىي تەھدىتىنى خېلى بۇرۇنلا ئەيىبلەپ كېلىۋاتقان بولۇپ، بەزى دۆلەتلەر بۇنىڭغا قارشى تەدبىر ئېلىشقا باشلىغان.

«ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى» نىڭ 16-مارت كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئاۋسترالىيە ئامېرىكادىن 220 دانە «ئۇرۇش پالتىسى» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا سېتىۋالماقچى بولغان، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى بۇنى تەستىقلىغان. ئاۋسترالىيە تەرەپنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يېڭى تىپتىكى يادرولۇق سۇ ئاستى كېمىسى بۇ باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى قويۇپ بېرەلەيدىكەن.

ياپونىيەمۇ ئالدىنقى ئايدا خىتاي تەھدىتىگە قارشى ئارمىيەسىنى كۈچەيتىدىغانلىقى، ئامېرىكادىن 400 دانە «ئۇرۇش پالتىسى» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا سېتىۋېلىپ، 2026-يىلغىچە ئۇلارنى ھەربىي نۇقتىلارغا ئورۇنلاشتۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىغانىكەن.

3-ئاينىڭ 16-كۈنى، «رويتېرس ئاگېنتلىقى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھىندىستان ئۆز ئارمىيەسىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش ئۈچۈن 8 مىليارد 500 مىليون دوللارلىق ھەربىي ئەسلىھە ۋە قورال-ياراق سېتىۋالماقچى بولغان، بۇنىڭ ئىچىدە راكېتالىق بومبا، تىك ئۇچار ئايروپىلان، توپ-زەمبىرەك، ئۇرۇشقا كېرەكلىك ئېلېكترونلۇق سىستېما قاتارلىقلار بار ئىكەن.

ھىندىستاننىڭ بۇنداق قىلىشىدىكى سەۋەب يەنىلا خىتاي بولۇپ، ھىندىستان ھازىر ئۆزىنى خىتاي بىلەن پاكىستاننىڭ قورشاۋىغا چۈشۈپ قالغاندەك ھېس قىلغان؛ يەنە كېلىپ، ھىندىستان بىلەن خىتاي ھىمالايا تاغلىرىنى بويلىغان چېگرا رايونلىرىدا ئىزچىل سۈركىلىشىپ ياكى توقۇنۇشۇپ كەلمەكتىكەن. ھىندىستان سوۋېت دەۋرىدىن قالغان ھەربىي ئەسلىھەلىرىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق خىتايغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تونۇپ يەتكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.