خىتاي تۈرمىسىدىكى ھۈسەيىن جېلىل ئۈچۈن مەكتۇپ يېزىش پائالىيىتى باشلاندى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2015-05-28
Share

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ كانادادا تۇرۇشلۇق ئەزالىرى خىتاي تۈرمىسىدە يېتىۋاتقان كانادا پۇقراسى ھۈسەيىن جېلىل ئۈچۈن مەكتۇپ يېزىش پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرغان.

«نياگرا خەۋەرلەر تورى» نىڭ ئېيتىشىچە، مەكتۇپ يېزىش پائالىيىتىدە ئالدى بىلەن ھۈسەيىن جېلىل داۋاسىغا مەسئۇل بولغان ۋىلف رۇلەند سۆز قىلغان. ئۇ سۆزىدە، خىتاي تۈرمىسىدە رىيازەت چېكىۋاتقان ھۈسەيىن جېلىلنىڭ خۇددى كىنولاردىكىدەك سەرگۈزەشتى بارلىقىنى، خىتايدىكى رىيازەتتىن شۇنچە تەستە قۇتۇلۇپ چىققان بولسىمۇ، بەختكە قارشى ئۆزبېكىستانغا بارغاندا قولغا ئېلىنىپ خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلگەنلىكىنى بايان قىلىپ ئۆتكەن.

ئۇ شۇنداقلا ئەسكەرتىپ «خىتاي دۆلىتى گەرچە ھۈسەيىن جېلىلنى تېررورچى دەپ ئىلگىرى سۈرسىمۇ، ئەمما خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئۇنى بىر كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىسى، دەپ قارايدۇ» دېگەن.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ مەكتۇپ يېزىش ھەرىكىتىدە ھۈسەيىن جېلىل ئۈچۈن يېزىلغان مەكتۇپلار خىتاي دۆلەت باشلىقلىرىغا، كانادا باش مىنىستىرى ستىۋىن خارپېر ۋە شۇنىڭدەك باشقا دۆلەت رەھبەرلىرىگە ئەۋەتىلىدىكەن. ئۇلار يەنە 17-ئىيۇن كۈنى ھۈسەيىن جېلىل ئۈچۈن يەنە بىر يىغىلىش ئۇيۇشتۇرىدىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت