خىتاي بىر دۆلەت ئېڭىنى كۈچەيتمەكچى ئىكەن

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز جەۋلان تەييارلىدى
2023.09.18

يېقىندا ئەنگلىيە «ئىقتىسادشۇناس» تورى «خىتاي بىر دۆلەت كىملىكى يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرمەكتە» ناملىق بىر ماقالە ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا خىتاينىڭ ئىچكى موڭغۇلدىكى ئاسسىمىلياتسىيە ئويۇنى ۋە موڭغۇللارنى پۈتۈنلەي خىتايلاشتۇرۇشنىڭ ئاخىرقى نىشان بولۇپ قالغانلىقى ئاساسلىق تېما قىلىنغان.

ماقالىدە مۇنداق دېيىلگەن: «موڭغۇل تىلى خىتايدا يوقالماقتا. بۇ ھەرگىز تەبىئىي بولغان ئىش ئەمەس. 3 يىل بۇرۇن خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتى ئىچكى موڭغۇلدىكى مەكتەپلەردە بەزى دەرسلەرنىڭ خىتايچە (پۇتۇڭخۇا، يەنى ئورتاق تىلىدا) ئۆتۈلۈشىنى تەلەپ قىلغاندا قارشىلىق ھەرىكىتى قوزغالغانىدى. ئەمما بىر يىلدىن كېيىن خىتاي قانۇن چىقىرىپ، موڭغۇل ئاپتونوم رايونىدا ئاز سانلىق مىللەت تىلىدا (موڭغۇل تىلىدا) دەرس ئۆتۈشكە يول قويۇش بەلگىلىمىسىنى بىكار قىلدى. بۈگۈن، ئىچكى موڭغۇلدىكى پۈتۈن كۈنلۈك يەسلىدىكى بالىلارغىمۇ خىتايچە ئۆگىتىلىدۇ. يەرلىكتىكى كىشىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، تېخىمۇ كۆپ مەكتەپ ۋە سىنىپلاردا دەرسلەر خىتايچە ئۆتۈلمەكتە».

ئىچكى موڭغۇلدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى ئۇيغۇر رايونىدىمۇ ئاللىقاچان باشلانغان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىل ئېلان قىلغان «ئاپتونوم رايوننىڭ مەجبۇرىي مائارىپى باسقۇچىدىكى قوش تىل ئوقۇتۇشى دەرسلىك لايىھەسى» ناملىق ھۆججىتىدە ئېنىق قىلىپ: «2017-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن ئېتىبارەن باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ بىرىنچى يىللىقىدىن باشلاپ، بارلىق دەرسلەر دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقى ئارقىلىق ئۆتىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مەزكۇر مىللەتنىڭ ئەدەبىيات دەرسلىكى قوشۇمچە ئۆتىلىدۇ» دېيىلگەن. ئەمەلىيەتتە، 2017-يىل 9-ئايدىن باشلاپ، ئۇيغۇر تىلى بارلىق مائارىپ سىستېمىسىدىن چىقىرىپ تاشلانغانىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.