ئىككى خىتاي پۇقراسى پاكىستاندا ئوق تېگىپ يارىلاندى
2024.11.05
11-ئاينىڭ 5-كۈنى، ئىككى خىتاي پۇقراسى پاكىستاننىڭ كاراچى شەھىرىدە ئوق تېگىپ يارىلانغان. «رويتېرس ئاگېنتلىقى» نىڭ بۇ ھەقتە بەرگەن خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، بۇ ۋەقە كاراچى شەھىرى سودا مەركىزىدىكى بىر كىيىم-كېچەك زاۋۇتىنىڭ يېنىدا يۈز بەرگەن. ئوق زاۋۇتنىڭ ئىچىدىن ئېتىلغان بولۇپ، ئوق ئاتقۇچىنىڭ بىر قاراۋۇل ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان. ئەمما ئۇ تېخى تۇتۇلمىغاچقا، ئوق ئېتىش سەۋەبىمۇ ئېنىق ئەمەسكەن. يارىلانغان خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئەھۋالىمۇ ئاشكارىلانمىغان.
ئىلگىرىمۇ پاكىستاندا ئىشلەۋاتقان خىتاي ئىشچىلىرى ۋە خىتاي ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچراپ ئۆلگەنلىكى خەۋەر قىلىنغانىدى. 2024-يىل 10-ئايدا كاراچى ئايرودۇرۇمىنىڭ يېنىدا پارتلاش يۈز بەرگەن بولۇپ، ئىككى خىتاي ئىنژېنېرى ئۆلگەن، «بالۇچىستان ئازادلىق تەشكىلاتى» ئۆزلىرىنىڭ بۇ ۋەقەگە مەسئۇل ئىكەنلىكىنى جاكارلىغانىدى.
خىتاي پۇقرالىرىنىڭ پاكىستاندا ھۇجۇمغا ئۇچراش ۋەقەلىرىنىڭ ئۈزۈلمەي يۈز بېرىشى خىتاينىڭ داۋاملىق بېشىنى ئاغرىتىدىغان مەسىلىگە ئايلانغان. پاكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خىتاي پۇقرالىرىنى قەتئىي قوغدايدىغانلىقى ھەققىدە قايتا-قايتا ۋەدىلەرنى بەرگەن بولسىمۇ، بۇنداق ۋەقەلەرنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئالالمىغان. بۇنىڭ تۈپ سەۋەبى، پاكىستاننىڭ ئىچكى قىسمىدىكى داۋالغۇش ۋە مالىمانچىلىق ئىكەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، پاكىستاننىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى بالۇچىستان ئۆلكىسى 10 يىلدىن بۇيان پاكىستان ھۆكۈمىتى ۋە ئارمىيەسى بىلەن قارشىلىشىپ كەلگەن بولۇپ، پاكىستاننىڭ خىتايدىن ئالىدىغان مەنپەئەتلىرىگە تەھدىت سېلىپ كەلگەن. بالۇچىستان قوراللىق كۈچلىرى ئۆز رايونىدىكى تەبىئىي بايلىقلاردىن تېخىمۇ كۆپ مەنپەئەت ئېلىشنى، ئۆز تەۋەلىكىدىكى «خىتاي-پاكىستان ئىقتىسادىي كارىدورى» نىڭ ئەڭ مۇھىم قۇرۇلۇش تۈرى بولغان گۋادار پورتىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشنى تەلەپ قىلىپ كەلگەن. ئۇلارنىڭ بۇ ھەقتىكى ئارزۇ-تەلەپلىرى ئورۇنلانمىغانلىقى ئۈچۈن ئىزچىل ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن پاكىستان ھۆكۈمىتى ۋە خىتاي پۇقرالىرىغا ھۇجۇم قىلىشنى داۋام قىلىپ كەلگەن.