ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى پەلەستىن مەسىلىسىدە خىتايدىن مەدەت كۈتمەكتە
2023.11.20
ئەرەب ۋە ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىدىن تەشكىل تاپقان بىرلەشمە ۋەكىللەر ئۆمىكى خىتايدا رەسمىي زىيارىتىنى باشلىغان.
20-چېسلادىن 21-چېسلاغىچە ئىككى كۈن داۋام قىلغان بۇ زىيارەتكە سەئۇدى ئەرەبىستان، ئىيوردانىيە، مىسىر، ھىندونېزىيە، پەلەستىن قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ھەمدە ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى قاتارلىقلار قاتناشقان بولۇپ، ئۇلار خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى تەرىپىدىن كۈتۈۋېلىنغان.
مەلۇم بولۇشىچە، ئەرەب ۋە ئىسلام دۆلەتلىرى ۋەكىللىرىنىڭ خىتايدىكى زىيارىتىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى خاماس-ئىسرائىلىيە توقۇنۇشىنى پەسەيتىش، پەلەستىن-ئىسرائىلىيە مەسىلىسىنى ئادىل ھەل قىلىش توغرىسىدا خىتاي بىلەن سۆھبەتلىشىش بولۇپ، ئۇلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مەسىلىدە ھەل قىلغۇچ رول ئېلىشىنى ئۈمىد قىلماقتىكەن.
CNN تېلېۋىزىيەسىنىڭ خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، ۋاڭ يى 20-نويابىر كۈنى ئۇلار بىلەن كۆرۈشكەندە سۆز قىلىپ «خەلقئارا جەمئىيەت جىددىي ھەرىكەت قوللىنىشى، ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ بۇ تىراگېدىيەنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك» دېگەن ھەمدە خىتاينىڭ «ئەرەب ۋە مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ ياخشى دوستى ۋە قېرىندىشى» ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، خىتاينىڭ «پەلەستىن خەلقىنىڭ ئۆزىنىڭ مىللىي ھوقۇق-مەنپەئەتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىكى ھەققانىي ئىشلىرىنى ئىزچىل قوللاپ كەلگەنلىكىنى» بىلدۈرگەن.
«رويتېرس ئاگېنتلىقى» نىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى كوۋىد-19 قامالىدىن كېيىن باشلىغان دىپلوماتىك پائالىيەتلىرىدە ئوتتۇرا شەرق ۋە غەرب دۆلەتلىرى ھېسابلانمايدىغان دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىتتىپاقداشلىقىنى قاتتىق كۈچەيتكەن بولۇپ، يۇقىرىدىكى بىرلەشمە ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ بېيجىڭغا بېرىشى بۇنى تېخىمۇ تولۇق نامايان قىلىپ بەرگەن.
ھالبۇكى، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر بولسا، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتىڭ پەلەستىن مەسىلىسىدە مۇسۇلمان خەلقلەرنىڭ ھامىيسىدەك بولۇۋېلىشىنى «يۈزسىزلىك» دەپ ئەيىبلىمەكتە.