ئىسرائىلىيە تەرەپ «خاماس» بىلەن بولغان ئۇرۇشنى توختىتامدۇ؟
2024.07.24
پەلەستىندىكى ئاساسلىق سىياسىي پارتىيەلەردىن «خاماس» ۋە «فاتاخ» نى ئۆز ئىچىگە ئالغان 14 گۇرۇھ بېيجىڭدىكى ئىككى كۈنلۈك سۆھبەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كېلىشتۈرمىچىلىك قىلىشى بىلەن، 22-ئىيۇل كۈنى «پەلەستىن ئازادلىق تەشكىلاتى» نىڭ رەھبەرلىكى ئاستىدا ئورتاق ئىش كۆرۈشكە كېلىشكەن.
24-ئىيۇل كۈنى ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتونغا زىيارەتكە كەلگەن ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنجامىن نېتانىياخۇ (Netanyahu Benjamin) ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە نۇتۇق سۆزلەپ. «بىز ‹خاماس› بىلەن بولغان ئۇرۇشتا تولۇق غەلىبىنى قولغا كەلتۈرمىگىچە بولدى قىلمايمىز» دەپ كۆرسەتكەن.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ 24-ئىيۇلدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، نېتانىياخۇنىڭ بۇ قېتىملىق زىيارىتىدە «خاماس» قا قارشى ئۇرۇشتا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئەڭ مۇھىم نىشان ھېسابلىنىدىكەن. يەنە كېلىپ توققۇز ئايدىن بۇيان داۋام قىلىۋاتقان ئۇرۇشنى توختىتىش مەقسىتىدە يېقىن كەلگۈسىدە ئوتتۇرىغا چىقىش ئېھتىمالى بولغان ھەرقانداق سۆھبەتنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن نېتانىياخۇنىڭ بۇنداق سۆزنى قىلىشى ھەر ساھەنى بەكمۇ ھەيران قالدۇرغان. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، «خاماس» قا قارشى ئۇرۇشتا ئاز دېگەندىمۇ پەلەستىن تەرەپتىن 39 مىڭدىن كۆپرەك كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، نېتانىياخۇ «ئەگەر ‹خاماس› تەسلىم بولسا، قوراللىرىنى تولۇق تاپشۇرسا ھەمدە بارلىق تۇتقۇنلارنى شەرتسىز قويۇپ بەرسە، ئۇرۇش توختىتىشنى سۆزلىشىشكە بولىدۇ» دېگەن. ئەمما ئىسرائىلىيەنىڭ «خاماس» قا قارشى ئۇرۇشى تاكى ئۇلارنىڭ ھەربىي ئىقتىدارىنى تولۇق ۋەيران قىلىپ بارلىق تۇتقۇنلارنى ئىسرائىلىيەگە قايتۇرۇپ كەلگۈچە داۋام قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن. شۇڭا تەنقىدچىلەر بىردەك، «نېتانىياخۇنىڭ ‹تولۇق غەلىبە› ھەققىدىكى بۇ خىل سۆزلىرى رېئاللىققا قىلچىمۇ ئۇيغۇن ئەمەس» دەپ كۆرسەتكەن.