ئىسرائىلىيە خىتاينىڭ خەلقئارا ئادالەت سوتىدا پەلەستىننىڭ «قورال ئىشلىتىش» ھوقۇقى بارلىقىنى ئېيتىشىنى تەنقىد قىلغان
2024.02.26
ئىسرائىلىيە خىتاي ۋەكىلىنىڭ ئۆتكەن ھەپتە خەلقئارا ئادالەت سوت مەھكىمىسىدە پەلەستىننىڭ «قورال ئىشلىتىش» ھوقۇقى بارلىقى، بۇنىڭ تېررورلۇق ھېسابلانمايدىغانلىقىنى، «قورال ئىشلىتىش» پەلەستىننىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىنىڭ بىر پارچىسى ئىكەنلىكىنى قەيت قىلىشىنى قاتتىق تەنقىد قىلغان.
خىتاي ۋەكىلىنىڭ سۆزى خەلقئارا تاراتقۇلاردا قاتتىق غۇلغۇلا قوزغاپ، بۇنىڭ مەنچىڭ ئىمپېرىيەسى بېسىۋالغان ھازىرقى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىدىكى خەلقلەر ئۈچۈن نېمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقى سوئال پەيدا قىلغان ئىدى. «ئىسرائىلىيە ۋاقتى» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىسرائىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى لىئور ھايئات خىتاي ۋەكىلىنىڭ سۆزىگە ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسى X تا ئىنكاس قايتۇرۇپ، «ئۇنىڭ قانۇنلىرى پۇقرالارغا سىستېمىلىق ۋە نىشانلىق ھۇجۇم قىلىشقا، پۇقرالارنى ئادەم قالقىنى ئورنىدا ئىشلىتىشكە يول قويمايدۇ. مانا بۇ خاماس ‹قوراللىق قارشىلىق› قىلىش نامىدا سادىر قىلغان ئىككى جىنايەتتۇر» دېگەن.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خەلقئارا قانۇن ۋە كېلىشىملەر مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى ما شىنمىڭ ئۆتكەن ھەپتە گوللاندىيەنىڭ دەنخاگ (گائاگا) شەھىرىدىكى خەلقئارا ئادالەت سوت مەھكىمىسىدە «پەلەستىنلىكلەرنىڭ چەت ئەلنىڭ باستۇرۇشىغا قوراللىق قارشىلىق كۆرسىتىش ۋە مۇستەقىل دۆلىتىنى قۇرۇشتا قورال ئىشلىتىشكە ھوقۇقلۇق» ئىكەنلىكىنى ئېيتقان ئىدى. لېكىن لىئور ھايئاتنىڭ كۆرسىتىشىچە، خىتاي ۋەكىلىنىڭ سۆزى «خاماس» نىڭ ئۆتكەن يىلى 7-ئۆكتەبىر كۈنى ئىسرائىلىيە پۇقرالىرىغا قارىتا قوزغىغان قوراللىق ھۇجۇمىنى قوللاشقا ئېلىپ بېرىشى مۇمكىن ئىكەن. ئىسرائىلىيە، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ «خاماس» كونتروللۇقىدىكى غەززە رايونىغا قارىتا كەڭ كۆلەملىك ھەربىي ھەرىكەت باشلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان 7-ئۆكتەبىردىكى ھۇجۇمدا ئاز دېگەندە 1300 نەپەر ئىسرائىلىيە پۇقراسى ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى قەيت قىلماقتا. ھالبۇكى، «ئەل جەزىرە» نىڭ 26-فېۋرال بەرگەن خەۋىرىدە، 7-ئۆكتەبىردىن ھازىرغىچە غەززەدە 29 مىڭدىن ئارتۇق پەلەستىنلىكنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. «ئىسرائىلىيە ۋاقتى» گېزىتىنىڭ ئېيتىشىچە، لىئور ھايئات «خىتاي ئۆزىدىن ئۇنىڭ قانۇن مەسلىھەتچىسىنىڭ خەلقئارا ئادالەت سوت مەھكىمىسىدە قىلغان سۆزلىرىنى تېررورلۇق تەشكىلاتى ‹خاماس› نىڭ نېمە ئۈچۈن بۇنچىلىك تېز قارشى ئالغانلىقى سورىشى كېرەك» دېگەن.