ماركو رۇبىيو جەنۇبىي دېڭىزدا ئىگىلىك ھوقۇق كۈرىشى قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىرى بىلەن كۆرۈشكەن

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئىرادە تەييارلىدى
2025.01.23

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماركو رۇبىيو 23-يانۋار پەيشەنبە كۈنى جەنۇبىي دېڭىزدا خىتاي بىلەن ئىگىلىك ھوقۇق دەتالىشى قىلىۋاتقان ھىندونېزىيە ۋە فىلىپپىن قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىرى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەن.

ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى تەممىي برۇسنىڭ مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ماركو رۇبىيو ھىندونېزىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى سۇگيونو بىلەن تېلېفون ئارقىلىق كۆرۈشۈپ، نۇقتىلىق ھالدا جەنۇبىي دېڭىزنىڭ خەۋپسىزلىك مەسىلىسى ھەققىدە سۆزلەشكەن.

تەممىي برۇس مۇنداق دېگەن: «ئىككى تەرەپ ئامېرىكا ۋە ھىندونېزىيەنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنىڭ بىخەتەر ۋە گۈللەنگەن ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونى ئۈچۈن قانچىلىك مۇھىملىقىنى تونۇپ يەتتى. ئۇلار يەنە ئىككى دۆلەتكە پايدىلىق ساھەلەردىكى سودا ۋە مەبلەغ سېلىش ئالاقىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا ۋەدە بەردى».

مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ماركو رۇبىيو شۇ كۈنى يەنە فىلىپپىن تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ئېنرىك مانالو بىلەنمۇ تېلېفونلىشىپ، خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى ئىغۋاگەرچىلىك ھەرىكەتلىرى ئۈستىدە سۆھبەتلەشكەن ۋە ھەمدە ئامېرىكانىڭ فىلىپپىننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغدايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

خىتاي تەرەپ ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ماركو رۇبىيونىڭ ھىندونېزىيە ۋە فىلىپپىن تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىرى بىلەن كۆرۈشكەندە ئېيتقان سۆزلىرىدىن قاتتىق نارازى بولغان. خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ماۋ نىڭ 23-يانۋار كۈنىدىكى باياناتىدا، «ئامېرىكا جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىدىكى بىۋاسىتە دۆلەت ئەمەس، ئۇنىڭ خىتاي بىلەن فىلىپپىن ئوتتۇرىسىدىكى دېڭىز مەسىلىسىگە ئارىلىشىش ھوقۇقى يوق» دېگەن.

ماۋ نىڭ شۇ كۈندىكى باياناتىدا يەنە، ئامېرىكا فىلىپپىنغا يېڭىدىن ئورۇنلاشتۇرغان «تەيفىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىش سىستېمىسى» نىمۇ تەنقىد قىلىپ، «ئىستراتېگىيەلىك ھۇجۇم خاراكتېرىنى ئالغان بۇ سىستېمىنىڭ ئورنىتىلىشى، رايوندىكى جىددىيلىكنى كۈچەيتىۋېتىدىغان، شۇنداقلا گېئو-سىياسىي قارشىلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان خەتەرلىك ھەرىكەتتۇر» دەپ ئاتىغان.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماركو رۇبىيو ۋەزىپىگە ئولتۇرۇپلا ئامېرىكانىڭ ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى شېرىك دۆلەتلىرى بىلەن بولغان ئۇچرىشىشلىرىنى باشلىغان. ھەرقايسى ئاخباراتلار بۇ ھەقتىكى خەۋەرلىرىدە بۇنى ئامېرىكانىڭ خىتاينىڭ رايوندىكى كېڭەيمىچىلىكىنى چەكلەش دىپلوماتىيەسى، دەپ باھالىماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.