جوۋ بايدېن بىلەن شى جىنپىڭنىڭ سۆھبىتىدە ئۇيغۇرلار مەسىلىسى تىلغا ئېلىندى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2021-11-16
Share

ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدېن بىلەن خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ 15-نويابىر كۈنى تېلېفون ئارقىلىق ئۈچ يېرىم سائەت سۆھبەتلەشكەن بولۇپ، سۆھبەتتە ئىككى تەرەپنىڭ قارشىلىشىشتىن كۆرە بىر قىسىم نازۇك مەسىلىلەردە بىرلىشىپ ئىش كۆرۈشى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بۇ «نازۇك مەسىلىلەر» نىڭ تەيۋەن مەسىلىسى، ئامېرىكا-خىتاي سودا مۇناسىۋىتى ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى ئىكەنلىكى ئېيتىلغان.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى تەپسىلىي خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئاقساراي بۇ قېتىمقى تېلېفون سۆھبىتىنى «ئۆزئارا ھۆرمەت، ئوچۇق پوزىتسىيە ۋە گەپ يورغىلاتماسلىق» ئاساسىدا ناھايىتى ئوڭۇشلۇق بولدى، دەپ باھالىغان. مەلۇم بولۇشىچە بۇ، ئىككىيلەننىڭ 2021-يىلىدىكى ئۈچىنچى قېتىملىق سۆھبىتى ئىكەن. بۇ قېتىمقى سۆھبەت جەريانىدا جوۋ بايدېن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى باستۇرۇش مەسسلىسىنى تىلغا ئالغان.

ئۇ، بۇ مەسلىنى تەڭسىز سودا ۋە تەيۋەن بوغۇزىدىكى جىددىيلىك مەسىلىسى بىلەن بىر قاتاردا ئالاھىدە ئوتتۇرىغا قويغان ھەمدە ئۆزىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇيغۇر مەسىلىسى بولسا ھەرقايسى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە پۇقراۋىي تەشكىلاتلار ئىزچىل تەكىتلەپ كەلگەن مەسىلىلەردىن بىرى ئىدى. ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىكى ھەر دەرىجىلىك ئەربابلارمۇ بۇ مەسىلىنى كۆپ قېتىملاپ تەكىتلىگەنىدى.

خەۋەردە خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ئۇچۇرلىرىدىن نەقىل ئېلىنغان ھالدا شى جىنپىڭنىڭ بۇ مەسىلىلەرگە قايتۇرغان ئىنكاسى قىسقىچە تىلغا ئېلىنىدۇ. ئەمما شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى سۆھبەت جەريانىدا زادى كونكىرېت نېمىلەرنى ئېيتقانلىقى ئېنىق تىلغا ئېلىنمايدۇ. ئەمما ھەرقايسى ساھەگە مەلۇم بولغىنىدەك ئامېرىكا ھۆكۈمىتى مەيلى دونالد ترامپ دەۋرىدە بولسۇن ياكى جوۋ بايدېن دەۋرىدە بولسۇن بىردەك ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىي باستۇرۇش ھەرىكىتىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ھەمدە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ ئاتاپ كەلگەن شۇنىڭدەك بۇنىڭغا قارشى بىر قاتار جازا تەدبىرلىرىنى ئىجرا قىلغاندى. شۇ سەۋەبتىنمۇ ئۇيغۇر دىيارىدىكى بىڭتۇەن سىستېمىسى ھەمدە چېن چۈەنگو باشلىق بىر قاتار يۇقىرى دەرىجىلىك خىتاي ئەمەلدارلىرىغا تېگىشلىك جازا ئېلان قىلغانىدى. بۇ جازالارنىڭ بىر قىسمى بولسا ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن باغلىنىشلىق بولغان پەمىدۇر قىيامى، قۇياش ئېنېرگىيە تاختىسى قاتارلىق مەھسۇلاتلارنى چەكلەشتىمۇ ئ‍ۆز ئىپادىسىنى تاپقانىدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت