كانادا ساقچىلىرى تورونتونىڭ نۇرغۇن رايونلىرىدا «خىتاي ساقچى پونكىتلىرى» بارلىقىنى ئېلان قىلغان
2022.11.23
رۇيترېس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 11-ئاينىڭ 22-كۈنى كانادا ساقچى تەرەپ «خىتاي ساقچى پونكىتلىرى» نىڭ تورونتونىڭ كۆپلىگەن رايونلىرىدا ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
كانادا ساقچى تەرەپ بۇ ئەھۋالغا بىلدۈرگەن باياناتىدا، ئۈچىنچى بىر دۆلەت ئورگىنىنىڭ كانادا پۇقرالىرىغا تەھدىت ۋە پاراكەندىچىلىك سېلىشى، ھەتتا زىيانكەشلىك قىلىشىغا يول قويمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خىتاينىڭ كانادادا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى بۇ توغرۇلۇق تاراتقۇلارغا ھېچقانداق ئىنكاس بىلدۈرمىگەن.
باش شىتابى ياۋروپاغا جايلاشقان «قوغدىغۇچىلار» ناملىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى بۇ يىل 9-ئايدا بىر دوكلاتنى ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا دۇنيانىڭ ئون چوڭ شەھىرىدە خىتاينىڭ «ساقچى پونكىتلىرى» نىڭ بارلىقى ئاشكارىلانغان ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئامېرىكا، كانادا، گوللاندىيە قاتارلىق دۆلەتلەر «خىتاي ساقچى پونكىتلىرى» نى تەكشۈرۈشنى باشلىغان.
دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، خىتاينىڭ بۇ «ساقچى پونكىتلىرى» خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەت ئەلدىكى تەشۋىقاتىغا ماسلىشىش، چەت ئەلدىكى خىتاي ئۆكتىچىلىرىنى نازارەت قىلىش، ئۇلارنىڭ خىتايدىكى تۇغقانلىرىغا بېسىم قىلىش، ھەتتا بەزى خىتاي پائالىيەتچىلىرىنى خىتايغا بېرىپ جىنايىتىنى تاپشۇرۇشقا قىستاش قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئىجرا قىلىدىكەن.
تورونتو كانادانىڭ پۇل-مۇئامىلە مەركىزى، نوپۇسى ئەڭ كۆپ شەھەر بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى نيۇ-يورك قاتارلىق شەھەرلەرگە ئوخشاش، بۇ يەردىمۇ «ساقچى پونكىتى» قۇرۇپ خىتاي پۇقرالىرىنى نازارەت قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم.