ما شىڭرۇي ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىقتىسادىي ئېچىۋېتىش سىناق رايونلىرى ۋە سانائەت باغچىلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى كۈچەيتىشنى تەكىتلىگەن

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەركىن تەييارلىدى
2024.11.04

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 3-نويابىر كۈنى «شەرقىي جۇڭغار ئىقتىسادىي ئېچىۋېتىش رايونى» دا يىغىن چاقىرىپ، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئاساسلىق بازىسى، دەپ قارىلىۋاتقان رايوندىكى «سانائەت باغچىلىرى»، شۇنداقلا ئىقتىسادىي ئېچىۋېتىش سىناق رايونلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى كۈچەيتىش، بۇ سانائەت باغچىلىرى ۋە ئىقتىسادىي سىناق رايونلىرىنى «بىر «بەلباغ ۋە بىر يول» كارىدورىدىكى دۆلەتلەر بىلەن تېخىمۇ زىچ باشلاشنى تەلەپ قىلغان. بۇ يىغىننىڭ خىتاي ئىقتىسادى كاساتلىشىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىقتىسادنى قۇتقۇزۇشنىڭ جىددىي تەدبىرلىرىنى ئالغان بولسىمۇ، ئەمما بۇنىڭ ئۈنۈمىگە گۇمان بىلەن قارىلىۋاتقان بىر پەيتتە، ئېچىلىشى دىققەت قوزغىماقتا. ما شىڭرۇينىڭ يىغىندا كۆرسىتىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىقتىسادىي ئېچىۋېتىش سىناق نۇقتىلىرىغا ۋە سانائەت باغچىلىرىغا خىتاينىڭ «ئېنېرگىيە ئېھتىياجىغا كاپالەتلىك قىلىش، ئىستراتېگىيەلىك كان بايلىقى ۋە ئاشلىق بىخەتەرلىكى ئىستراتېگىيەسى نۇقتىسىدىن قاراش كېرەك» ئىكەن.

خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى سانائەت باغچىلىرىنىڭ كۆلىمى، ئۇنىڭ 2017-يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىپ، لاگېر-تۈرمىلەرگە قامىشى بىلەن تەڭ تېز كېڭىيىپ، نۇرغۇن ئۇيغۇرلار بۇ ئورۇنلاردىكى مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچلىرىگە ئايلاندۇرۇلغان. نۆۋەتتە، خىتاينىڭ ئىقتىسادىي سىناق رايونلىرى ۋە سانائەت باغچىلىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشى، ئۇيغۇر ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ تېخىمۇ ئۇزۇن ۋاقىت بۇ ئورۇنلارغا بەند قىلىنىشى، مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ تېخىمۇ كۆلەملىشىشى ھەم سىستېمىلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشىدىن ئەندىشە قىلىنماقتا. «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يىغىندا ما شىڭرۇي مۇنداق دېگەن: «بىز شىنجاڭدىكى ئېچىۋېتىش رايونى ۋە سانائەت باغچىلىرىنىڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، شىنجاڭغا شىنجاڭدا تۇرۇپ قارىماسلىقىمىز، سانائەت باغچىلىرىغا نوقۇل سانائەت باغچىسى، دەپ قارىماسلىقىمىز، بۇنىڭدا پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئومۇمى ۋەزىيىتىنى چىقىش قىلىشىمىز، بۇنىڭغا دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە ئېھتىياجىغا كاپالەتلىك قىلىش، ئىستراتېگىيەلىك كان بايلىقى ۋە ئاشلىق بىخەتەرلىك ئىستراتېگىيەسى نۇقتىسىدىن قارىشىمىز كېرەك.»

ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، ھەر قايسى ئورۇنلار «ئەركىن سودا رايونلىرىنى يۇقىرى ئۆلچەم بىلەن قۇرۇپ، ئېچىۋېتىش رايونى ۋە سانائەت باغچىلىرىنىڭ ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن چوڭقۇر ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشى، خەلقئارا ھەمكارلىقنىڭ يېڭى شەكىللىرى ھەققىدە ئىزدىنىشى كېرەك» ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.