ماركو رۇبيو ۋەزىپىگە تەيىنلەش گۇۋاھلىق يىغىنىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى تىلغا ئالدى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەزىز تەييارلىدى
2025.01.15

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىر نامزاتى، كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىيو 15-يانۋار چۈشتىن بۇرۇن ئۆتكۈزۈلگەن ۋەزىپىگە تەيىنلەش گۇۋاھلىق يىغىنىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ھەققىدىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدىكى مەيدانىنىڭ ئۆزگەرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

گۇۋاھلىق يىغىنىدا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى نامزاتى كېڭەش پالاتا ئەزالىرىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ لاياقەتلىك نامزات ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان بولۇپ، شۇ قاتاردىكى سوئاللارنىڭ بىرىنى كېڭەش پالاتا ئەزاسى جېف مېركېلىي (Jeff Merkley) سورىدى. ئۇ ماركو رۇبىيونىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە قارشى تۇرۇش مەسىلىسىدە ۋۇجۇدقا چىقارغان نەتىجىلىرىنى ئالاھىدە مۇئەييەنلەشتۈردى. ئارقىدىنلا نۆۋەتتە تايلاند تۈرمىسىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ قانداق پوزىتسىيەدە ئىكەنلىكىنى سورىغاندا ماركو رۇبىيو ئېنىق قىلىپ: «بىز داۋاملىق تايلاند ھۆكۈمىتىگە بۇ ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇۋەتمەسلىك ھەققىدە بېسىم ئىشلىتىمىز» دېدى. شۇنداقلا ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسى ھەققىدە توختىلىپ، «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى زامانىۋى قۇللار لاگېرىغا قامىشىنى كەسكىن ئەيىبلەيمىز» دېدى.

گۇۋاھلىق يىغىنىدا سورالغان كەسكىن سوئاللارنىڭ بىرى خىتاي مەسىلىسى بولۇپ، ماركو رۇبىيو خىتاينى «دۆلىتىمىز تا ھازىرغا قەدەر دۇچ كېلىپ باقمىغان خەتەرلىك ۋە يوشۇرۇن بولغان دۈشمەن دەرىجىسىدىكى دۆلەت» دېدى. ئۇ ئۆتكەن مۇساپىلەرنى قىسقىچە ئەسلەپ ئۆتكەندىن كېيىن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا «تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت» دەرىجىسىدە مۇئامىلە قىلىپ كەلگەنلىكى، شۇنىڭدەك ئۇلارنىڭ سودا ساھەسىدىكى ئالدامچىلىق قىلمىشلىرىغا كۆز يۇمغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ: «ئەگەر بىز خىتاي ھەققىدىكى ھازىرقى مەيدانىمىزنى يەنىلا ئۆزگەرتمىسەك 10 يىلغا بارمايلا ھاياتىمىزدىكى ھەممىلا نەرسىدە خىتاينىڭ قولىغا قارايدىغان بولۇپ قالىمىز» دېدى.

گۇۋاھلىق يىغىنىدىن كېيىنكى مۇھىم قەدەم بۇ ھەقتە ئاۋاز بېرىش بولۇپ، ناۋادا ئاۋاز بېرىش ئۇتۇقلۇق بولسا بۇ يىل 53 ياشقا كىرگەن ماركو رۇبىيو لاتىن-ئامېرىكالىقلار ئەۋلادىدىن تۇنجى بولۇپ ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولغان كىشى بولۇپ قالىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.