ماركو رۇبىيو ۋەزىپىسىنى باشلىغان تۇنجى كۈنى خىتاي تەھدىتىگە قارشى دىپلوماتىيە پائالىيىتىنى باشلىغان
2025.01.21
ئامېرىكا يېڭى ھۆكۈمىتىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى نامزاتى ماركو رۇبىيو تولۇق ئاۋاز بىلەن رەسمىي ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن بولۇپ، ترامپ ھۆكۈمىتى ئىش باشلىغان 2-كۈنى، يەنى 21-يانۋار كۈنى ۋاشىنگتوندا ئاۋسترالىيە، ھىندىستان، ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بىلەن كۆرۈشكەن.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتە بەرگەن خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، ماركو رۇبىيونىڭ خىزمەت باشلىغان تۇنجى كۈنى ھەرىكەتكە ئۆتۈپ، خىتاي تەھدىتىگە قارشى قۇرۇلغان «تۆت دۆلەت ئىتتىپاقى» (Quad) تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بىلەن كۆرۈشۈشى، يېڭى ۋەزىپىگە ئولتۇرغان پىرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ خىتايغا تاقابىل تۇرۇشنى باش ۋەزىپە قىلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن.
پىرېزىدېنت ترامپ ياپونىيە، ئاۋسترالىيە، ھىندىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنى ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمىغا تەكلىپ قىلغان بولۇپ، بۇ ھال ئامېرىكا يېڭى ھۆكۈمىتىنىڭ ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش ئىرادىسىنى ئىپادىلەپ بەرگەن. ئىچكى ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 21-يانۋار ئۆتكۈزۈلىدىغان «تۆت دۆلەت ئىتتىپاقى» تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنى كەلگۈسىدە پىرېزىدېنت دونالد ترامپ ئۆتكۈزىدىغان تۆت دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنىنىڭ ئاساسىنى تىكلەيدىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا، ياپونىيە، ھىندىستان ۋە ئاۋسترالىيەدىن تەشكىل تاپقان «تۆت دۆلەت ئىتتىپاقى» 2007-يىل ياپونىيەنىڭ تەشەببۇسى بىلەن قۇرۇلغان ئىتتىپاقى بولۇپ، دەسلەپتە خىتاينىڭ ھىندى-تىنچ ئوكياندىكى ئىغۋاگەرچىلىكىنى چەكلەشنى مەقسەت قىلغان خەۋپسىزلىك دىيالوگى بولغان، كېيىنچە تۆت دۆلەتنىڭ دىپلوماتىيە ۋە ئىستىخبارات جەھەتتىكى ھەمكارلىقىغا قاراپ تەرەققىي قىلغان.