ۋال-سىترىت ژۇرنىلى: ماركو رۇبىيو خىتايغا تايىنىۋاتقان بارلىق ئىمپورت قىلغۇچىلارنىڭ «قاباھەتلىك چۈشى» بولۇپ قېلىشى مۇمكىن

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئىرادە تەييارلىدى
2024.12.04

ۋال-سىترىت ژۇرنىلى 2-دېكابىر كۈنى ئېلان قىلغان خەۋىرىدە، كېلەر ئاي ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالىدىغان پىرېزىدېنت دونالد ترامپ تەرىپىدىن ئامېرىكانىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرىلىق ۋەزىپىسىگە كۆرسىتىلگەن جۇمھۇرىيەتچى كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىيونىڭ خىتايدىن ئىمپورت قىلىشقا تايىنىدىغان شىركەتلەر، بولۇپمۇ شېيىن ۋە تېمۇ قاتارلىق تور ۋە پارچە ساتقۇچىلارنىڭ ئامېرىكادىكى تىجارىتىنى داۋاملاشتۇرۇشىغا يول قويماسلىقى مۇمكىنلىكى كۆرسىتىلگەن. خەۋەردە ئۇنىڭ ھەتتا خىتايدىن ئىمپورت قىلىشقا تايىنىۋاتقان بارلىق ئىمپورت قىلغۇچىلارنىڭ «قاباھەتلىك چۈشى» بولۇپ قېلىشى مۇمكىنلىكى بىلدۈرۈلگەن.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، خىتاينىڭ سودا ئۇسلۇبىنى، بولۇپمۇ ئۇنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك سىياسىتىنى قاتتىق تەنقىد قىلىپ كېلىۋاتقان ماركو رۇبىيو ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە كۆپ قېتىم خىتاينىڭ ناچار سودا ئادىتىنى جازالاشنى مەقسەت قىلغان قانۇنلارنى ئىلگىرى سۈرگەن ۋە بايدېن ھۆكۈمىتىنى تەدبىر قوللىنىشقا چاقىرىپ كەلگەن. ئۇ خىتايغا قارىتا قاتتىق تەدبىر قوللىنىشنى تەلەپ قىلىدىغان بىر خىل يېڭى ۋە پارتىيە ھالقىغان سودا ئورتاق تونۇشىنىڭ كۈچلۈك نامايەندىسى بولۇپ قالغان.

ئامېرىكا ئانا ۋەتەن خەۋپسىزلىكى مىنىستىرى ئالېخاندرو مايوركاس «ۋال-سىترىت ژۇرنىلى» گېزىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئۇنى «خىتايدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە تاقابىل تۇرۇشنىڭ چېمپىيونى» دەپ ئاتىغان.

ماركو رۇبىيو «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نى ۋۇجۇدقا چىقىرىشتا ھەل قىلغۇچ رول ئوينىغان شەخس بولۇپ، بۇ قانۇن خىتاينى ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە مەجبۇرىي ئەمگىكى سەۋەبىدىن جازالايدىغان ئەڭ كۈچلۈك قورال بولۇپ قالغانىدى.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، بايدېن ھۆكۈمىتى «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نى ئىنتايىن قاتتىق ئىجرا قىلغان بولۇپ، بۇ يىل 11-ئايغىچە ئۇلار خىتايدىن كەلگەن تەخمىنەن 3 مىليارد 660 مىليون دوللار قىممىتىدىكى مالنى تۇتۇپ قالغان. بىراق شۇنداقتىمۇ ماركو رۇبىيو ھۆكۈمەتنى توختىماي ھەرىكەت قوللىنىشقا ئۈندىمەكتىكەن.

ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزاسى راجا كىرىشنامورتى بولسا بۇ گېزىتكە قىلغان سۆزىدە ماركو رۇبىيونى «كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ چېمپىيونى» دەپ ئاتاش بىلەن بىرگە، كېلەر نۆۋەتلىك ھۆكۈمەتنىڭ ۋە ماركو رۇبىيۇنىڭ ئامېرىكانىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە تۇتقان قاتتىق ئۇسۇلىنى داۋاملاشتۇرىدۇ، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ يەنە، «ئامېرىكادا ھەر ئىككى پارتىيەنىڭ خىتاينىڭ ھەرقانداق ساھەدىكى زوراۋانلىق سىياسەتلىرىگە قارشى مەيدانىنىڭ بىردەك بولىدىغانلىقىنى» تەكىتلىگەن.

خەۋەردىن قارىغاندا، ھازىر ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ھەر ئىككى پارتىيەنىڭ خىتايغا قاتتىق قول بولۇش مەيدانى بىردەك بولغاندىن باشقا، ئامېرىكادىكى توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقارغۇچىلىرىدىن تارتىپ كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىغىچە، ھەتتا قانۇن ئىجرا قىلغۇچى ئورگانلارغىچە بولغان ھەر خىل گۇرۇپپىلارنىڭ خىتايغا قاتتىق قول بولۇش ھەققىدىكى كۆز قارىشى بىردەك بولۇپ، ئۇلار ھۆكۈمەتتىن كۈچلۈك ھەرىكەت تەلەپ قىلماقتىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.