خىتاي ھۆكۈمىتى ماركو رۇبىيونىڭ ئىسىم-فامىلىسىنىڭ خىتايچە يېزىلىشىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق ئۆزىنى بىئەپ ئەھۋالدىن قۇتۇلدۇرماقچى بولغان

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز جەۋلان تەييارلىدى
2025.01.24

خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكانىڭ يېڭىدىن تەيىنلەنگەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماركو رۇبىيونىڭ خىتايچە ئىسمىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق، ئامېرىكا بىلەن بولىدىغان تاشقى مۇناسىۋەتنىڭ نورمال داۋاملىشىشىغا يول ئاچماقچى بولغان.

ئامېرىكادىكى «ھەپتىلىك خەۋەرلەر» تورىنىڭ 22-يانۋار بۇ ھەقتە بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 16-يانۋار كۈنى ماركو رۇبىيونىڭ «خىتاي ئوغرىلىق ۋە ئالدامچىلىق بىلەن دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچكە ئايلاندى» دېگەن سۆزىگە قارىتا بەرگەن باياناتىدا، ماركو رۇبىيو (Marco Rubio) نىڭ خىتايچە خەت بىلەن يېزىلغان ئىسمىدىكى بىرىنچى بوغۇم «لۇ» (卢) دېگەن خەتنى شۇنىڭغا ئاھاڭداش بولغان، ئەمما مەنىسى ئوخشىمايدىغان «لۇ» (鲁) دېگەن خەتكە ئۆزگەرتكەن. شۇنىڭ بىلەن ماركو رۇبىيونىڭ خىتايچىدىكى ئىسمى 马克. 卢比奥 دىن 马克. 鲁比奥 غا ئۆزگەرگەن.

22-يانۋار كۈنى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، باياناتچى ماۋ نىڭ بۇ ھەقتىكى سوئالغا جاۋاب بېرىپ، ماركو رۇبىيونىڭ خىتايچە ئىسمىغا قارىغاندا، ئۇنىڭ ئىنگلىزچە ئىسمىنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇ يەنە مۇخبىرنىڭ، ‹ماركو رۇبىيونىڭ ئىسمىنى ئۆزگەرتىش ئۇنىڭغا بېرىلگەن جازا چەكلىمىسىنى بىكار قىلىشتىن دېرەك بېرەمدۇ؟› دېگەن سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، «خىتاينىڭ جازاسى خىتايغا زىيانلىق ھەر قانداق سۆز-ھەرىكەتنى چەكلەشكە قارىتىلغان» دېگەن.

خەۋەردە نەقىل ئېلىنغان مۇتەخەسسىسلەرنىڭ سۆزىگە ئاساسلانغاندا، چەت ئەللىك مۇھىم سىياسىي ئەربابلارنىڭ ئىسمىنى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بىلەن شىنخۇا ئاگېنتلىقى تەرجىمە بۆلۈمى بېكىتىدىكەن. ماركو رۇبىيونىڭ ئىسمىنى ئۇلار مۇزاكىرە قىلىپ بېكىتكەن بولۇشى مۇمكىن ئىكەن، چۈنكى مۇشۇنداق قىلغاندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ جازا بەرگىنى بۇرۇنقى رۇبىيو، ھازىرقىسى بولسا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماركو رۇبىيو بولىدىكەن-دە، خىتاي ھۆكۈمىتى بىئەپ ئەھۋالغا چۈشۈپ قالمايدىكەن.

ئامېرىكادىكى جۇمھۇرىيەتچىلەر ئىچىدە خىتايغا قارشى كەسكىن مەيدانى بىلەن تونۇلغان سىياسەتچى ماركو روبىيو خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قوللانغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى ۋە خوڭكوڭدىكى دېموكراتىيە ھەرىكىتىنى باستۇرۇشىنى قاتتىق ئەيىبلىگەنلىكى ئۈچۈن، 2020-يىل خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنىڭغا ئىككى قېتىم جازا چەكلىمىسى قويغانىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.