ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىلغان پەمىدۇر مەھسۇلاتلىرى ئامازون ۋە ۋولمارتتا يەنىلا سېتىلىۋاتقانلىقى مەلۇم

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئىرادە تەييارلىدى
2024.02.09

ئامېرىكانىڭ فوربىس ژۇرنىلى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق، دەپ چەكلەنگەن پەمىدۇر مەھسۇلاتلىرىنىڭ 3-تەرەپ ساتقۇچىلىرى ئارقىلىق ھېلىھەم ئامېرىكا بازىرىغا كىرىۋاتقانلىقىنى تەكشۈرۈپ چىققان.

فوربىس ژۇرنىلىنىڭ دېيىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى بىڭتۇەندە ئىشلەپچىقىرىلغان قۇتىلىق پەمىدۇر ۋە پەمىدۇر قىيامى قاتارلىقلار ئامازون، ۋولمارت، ئېتسىي قاتارلىقلارنىڭ تور بەتلىرى ۋە ھەمدە يېمەكلىك توشۇش مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان Instacart ۋە Uber Eats لار ئارقىلىق يەنىلا ئامېرىكالىق ئىستېمالچىلارنىڭ سېتىۋېلىشىغا سۇنۇلماقتىكەن.

2021-يىلىدىن بۇيان، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنىغا ئاساسەن ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچى ئىشلەپچىقارغان دەپ قارىغان 2 مىليارد 200 مىليون دوللاردىن ئارتۇق مالنى ئامېرىكا پورتلىرىدا قولغا چۈشۈرگەنىدى. بىراق فوربىسنىڭ ئېنىقلاپ چىقىشىچە، خىتاي شىركەتلىرى ئامېرىكانىڭ قانۇنىنى بىر ئاماللار بىلەن ئاتلاپ ئۆتۈشنى داۋام قىلغان بولۇپ، ئامازون، ۋولمارت ۋە ئېتسىينىڭ بازارلىرىدىكى ئۈچىنچى تەرەپ ساتقۇچىلىرى تەرىپىدىن سېتىلىۋاتقان «نىنا» (Nina)، «گىنو» (Gino) ۋە «زېھرات سافا» (Zehrat Safa) ماركىلىق پەمىدۇر قىياملىرىنى ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ خېبېي پەمىدۇر سانائىتى شىركىتى ئىشلەپچىقارغان. بۇ يېمەكلىك پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتىنىڭ تور بېتىدە «خام ئەشيا شىنجاڭدىن كەلگەنلىكى، بۇ رايوننىڭ قۇياش نۇرى ۋە كىلىماتىنىڭ پەمىدۇرغا ئىنتايىن ماس كېلىدىغانلىقى» مەدھىيەلەنگەنىكەن.

فوربىس ژۇرنىلى خېبېي ئۆلكىسىدىكى بۇ شىركەت بىلەن ئالاقىلەشكەن بولسىمۇ، ئۇلاردىن بۇ ھەقتە جاۋاب ئالالمىغان. ئامازون شىركىتىنىڭ مەسئۇللىرىدىن جېننىفېر فلەگ بولسا شىركەتنىڭ قانۇنغا بويسۇنىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «بىز ھەر ۋاقىت مەجبۇرىي ئەمگەككە مۇناسىۋەتلىك ئىسپاتنى بايقىغاندا ياكى تاپشۇرۇۋالغاندا، ھەرىكەتكە كېلىپ ئۇ مەھسۇلاتنى چىقىرىۋېتىمىز ھەمدە سېتىش ھوقۇقىنى توختىتىشىمىز مۇمكىن» دېگەن. بىراق فوربىس ئۇ مەھسۇلاتلارنىڭ تېخىچە مەھسۇلات تىزىملىكىدە بارلىقىنى كۆرگەن. ئېتسى شىركىتى بولسا بۇ ھەقتە سۆز قىلىشنى رەت قىلغان، ئەمما فوربىس تەرىپىدىن ئېنىقلانغان مەھسۇلات تىزىملىكلىرىنى تور بېتىدىن چىقىرىۋەتكەن. ۋولمارت شىركىتى بۇ ھەقتە بىر نېمە دېيىشتىن باش تارتقان.

فوربىسنىڭ دېيىشىچە، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىلغان پەمىدۇر مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئامېرىكادىكى ھەرقايسى يېمەكلىك شىركەتلىرى ۋە پارچە ساتقۇچىلارنىڭ تەمىنلەش زەنجىرلىرىگە سىڭىپ كىرىش كۆلىمى تېخىمۇ كەڭ بولۇشى مۇمكىنكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.