مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق شېيىن(Shein) شىركىتى ئىشچىلارنى ھەپتىدە 75 سائەت ئىشلىتىدىكەن

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز جەۋلان تەييارلىدى
2024.05.17

يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر رايونىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىقى بارلىقى خەۋەر قىلىنىپ كېلىۋاتقان شېيىن شىركىتى چوڭ چەكلىمىگە ئۇچرىماستىن داۋاملىق پايدا تېپىپ، بۈگۈنكى كۈندە پاي چېكىنى ئامېرىكادا بازارغا سېلىشقا تەييارلىنىۋاتقان چوڭ شىركەتكە ئايلانغان.

ئامېرىكادىكى داڭلىق ئىقتىساد خەۋەرلىرى قانىلى (CNBC) نىڭ 15-ماي كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ توپ ۋە پارچە كىيىم سېتىش شىركىتى شېيىن ئامېرىكادا پاي چېكىنى بازارغا سالماقچى بولغان. قىسقىغىنە بىر نەچچە يىلدا غايەت زور پايدىغا ئېرىشكەن بۇ شىركەتنىڭ ئامېرىكادىنلا تاپقان پايدىسى ناھايىتى كۆپ بولغان؛ بۇ شىركەتكە مال تەمىنلىگۈچى زاۋۇتلار ئىشچىلارنى ھەپتىسىگە 75 سائەت ئىشلىتىدىكەن، ئىشچىلار ھەپتىدە ئاران بىر كۈن ياكى ئۇنىڭدىنمۇ ئاز دەم ئالىدىكەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، شېيىن شىركىتى پاي چېكىنى بازارغا سېلىش ئۈچۈن، ئىشچىلارنى ئەمگەك سائىتى ئۆلچىمى بويىچە ئىشلىتىدىغانلىقىغا ۋەدە بەرگەن بولسىمۇ، يېقىنقى تەكشۈرۈشتە ئېنىقلانغان ئەھۋالغا ئاساسلانغاندا، بىر قىسىم كىيىم-كېچەك زاۋۇتلىرى ئىشچىلارنى نورمىدىن ئارتۇق ئىشلەتكەن. ئەسلىدە 2021-يىلىلا شىۋېيتسارىيەدىكى «ئومۇمىي نازارەت» (Public Eye) تەشكىلاتى گۇاڭجۇدىكى زاۋۇت ئىشچىلىرىنىڭ ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەيدىغانلىقى ۋە ئەمگەك مۇھىتىنىڭ ئىنتايىن ناچار ئىكەنلىكىنى تەكشۈرۈپ چىققان بولۇپ، يېقىنقى تەكشۈرۈشلەردە بۇ ئەھۋالنىڭ ھېلىھەم داۋام قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم بولغان.

2022-يىلنىڭ ئاخىرىدا، ئامېرىكادىكى نوپۇزلۇق تاراتقۇلاردىن بىرى بولغان «بلۇمبېرگ گېزىتى» شېيىن شىركىتىنىڭ تور بېتىدە سېتىلىۋاتقان كىيىم-كېچەكلەرنىڭ «شىنجاڭ پاختىسى» بىلەن ئىشلەپچىقىرىلغانلىقىنى، ئامېرىكانىڭ «شىنجاڭ پاختىسى» غا قويغان چەكلىمىسىگە قارىماي، ئۇلارنىڭ ئامېرىكادا قىلىۋاتقان سودىسىنىڭ قىممىتى نەچچە مىليارد دوللارغا يېتىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلغانىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، شېيىن شىركىتى تور بېتىدىن كىيىم-كېچەك زاكاز قىلغاندا، بىر قېتىمدا 800 دوللاردىن ئېشىپ كەتمەسلىك چەكلىمىسى قويىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن، ئۇيغۇر ئېلىدىن چىققان پاختا بىلەن ئىشلەنگەن كىيىم-كېچەكلەر ھېچ توسالغۇسىزلا ئامېرىكادىكى ئىستېمالچىلارغا يېتىپ بارالايدىكەن.

(CNBC) نىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئامېرىكا-خىتاي رىقابىتى ئالاھىدە كومىتېتى نۆۋەتتە شېيىن بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قانداق باغلىنىشى بارلىقىنى، تىك توكتا مال ساتقان بۇ شىركەتنىڭ ئابونتلارنىڭ سانلىق مەلۇمات ئۇچۇرىنى ئوغرىلاش قىلمىشىنىڭ بار-يوقلۇقىنى تەكشۈرۈشنى بۇيرۇغان. ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى يەنە شېيىننىڭ پاي چېكىنى ئامېرىكادا بازارغا سېلىشقا ئىجازەت بېرىش ئۈچۈن، ئامېرىكا ئاكسىيە بازىرى كومىتېتىنىڭ ئالدى بىلەن شېيىننىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق مەسىلىسىنى تولۇق تەكشۈرۈپ چىقىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.