ئامېرىكا تاموژنىسى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى سەۋەبىدىن DJI شىركىتىنىڭ ئادەمسىز ئۇچقۇلىرىنى تۇتۇپ قالغان
2024.10.17
ئامېرىكا چېگرا باشقۇرۇش ۋە تاموژنا ئىدارىسى، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق بولۇش ئەندىشىلىرى سەۋەبىدىن خىتاينىڭ شېنجېننى بازا قىلغان داڭلىق تېخنولوگىيە شىركىتى-DJI نىڭ ئىشلەپچىقارغان ئادەمسىز ئۇچقۇلىرىنى تۇتۇپ قالغان.
«رويتېرس ئاگېنتلىقى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا چېگرا باشقۇرۇش ۋە تاموژنا ئىدارىسىنىڭ بۇ ھەرىكىتى «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نىڭ تۈرتكىسىدە ئېلىپ بېرىلغان. يەنە بىر جەھەتتىن، بۇ ھەرىكەت ئامېرىكا ئانا ۋەتەن خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ مەھسۇلاتلارنىڭ كېلىش مەنبەسىنى تەكشۈرۈش، بولۇپمۇ خىتاي ئىشلەپچىقارغان ئادەمسىز ئۇچقۇلارنىڭ كېلىش مەنبەسىنى تەكشۈرۈشتىن ئىبارەت تېخىمۇ كەڭ دائىرىلىك ھەرىكىتىنىڭ بىر قىسمى ئىكەن.
DJI ئادەمسىز ئۇچقۇلارنىڭ ئامېرىكا تاموژنا دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ قېلىنىشى، ئامېرىكانىڭ ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان ۋىرجىنىيە ئىشتاتىدىكى فايىرفاكس ناھىيەسى، DJI ئادەمسىز ئۇچقۇلىرىنى سېتىۋالماقچى بولغان، ئەمما فايىرفاكس ناھىيەلىك ھۆكۈمەتنىڭ بۇ پىلانى بىخەتەرلىك سەۋەبىدىن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ بەزى ئەزالىرى ۋە فايىرفاكس ناھىيەسىدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان بىر پەيتتە يۈز بەرگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ئامېرىكا-خىتاي رىقابىتى ئالاھىدە كومىتېتى رەئىسى جون مولېنار بىلەن بۇ كومىتېتنىڭ نوپۇزلۇق ئەزاسى راجا كرىشنامورتى يېقىندا فايىرفاكس ناھىيەلىك ھۆكۈمەتكە خەت يېزىپ، ئۇلارنى بۇ پىلاندىن ۋاز كېچىشكە چاقىرغان. «رويتېرس ئاگېنتلىقى» نىڭ بىلدۈرۈشىچە، DJI مال زاكاز قىلغۇچى شىركەتلەرگە مەكتۇپ يېزىپ، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق ئىكەنلىكىنى رەت قىلغان. مەكتۇپتا، «DJI شۇنىڭغا كاپالەت بېرىدۇكى، بىزنىڭ ھەرقانداق ئىشلەپچىقىرىش باسقۇچىمىزدا مەجبۇرىي ئەمگەك يوق» دېيىلگەنلىكى قەيت قىلىنماقتا. لېكىن كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە غەربتىكى نوپۇزلۇق تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، DJI ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق بولۇپلا قالماي، ئۇ يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىغا تېخنىكىلىق ياردەمدە بولغان ئىكەن.