«شىيىن» شىركىتى سېتىۋاتقان كىيىملەرگە مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن چېتىشلىق پاختىلار ئىشلىتىلگەن

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2022.11.23
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

ئامېرىكا گەرچە خىتايدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن چېتىشلىق پاختا مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىشنى چەكلىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئوتتۇرىدىكى يوچۇقلاردىن پايدىلىنىپ نەچچە مىليارد دوللارلىق سودا قىلىدىغان شىركەتلەر يەنىلا مەۋجۇت ئىكەن.

«بلومبېرگ خەۋەرلىرى» تورىنىڭ 21-نويابىر خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ توردا مال ساتىدىغان ۋە ئىجتىمائىي ئالاقە تورلىرىدا مەشھۇر بولغان «شىيىن» (Shein) شىركىتىنىڭ كىيىملىرىگە ئۇيغۇر رايونىدىن چىقىدىغان، مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن چېتىشلىق بولغان پاختىلار ئىشلىتىلگەن. تەجرىبە ئارقىلىق ئىسپاتلانغان بۇ نەتىجە تور ئارقىلىق پارچە سېتىش شىركەتلىرىنى چەكلەشنىڭ تەخىرسىز مەسىلە ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا چىقارغان.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشچە، «شىيىن» شىركىتى تىك-توك ئارقىلىق ماللىرىنى داڭلاپ سېتىپ، ئامېرىكادىكى ياش خېرىدارلارنى جەلپ قىلىپ نۇرغۇن پۇل تاپقان. بۇ شىركەت خېرىدارلىرىغا 800 دوللاردىن تۆۋەن مال ئېلىش شەرتى قويغان بولۇپ، بۇ ئارقىلىق ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسىنىڭ «800 دوللاردىن تۆۋەن قىممەتتىكى ئىمپورت ماللىرىنى تەكشۈرمەسلىك» يوچۇقىدىن پايدىلىنىپ، ماللىرىنى ئامېرىكا بازىرىدا ساتالىغان.

«شىيىن» پارچە سېتىش شىركىتى «بلومبېرگ خەۋەرلىرى» نىڭ تەكشۈرۈش دوكلاتىغا ئىنكاس بىلدۈرمىگەن ياكى «شىنجاڭ پاختىسى» نى ئىشلەتمىدۇق دېمىگەن. ئەمما ئۇلار «شىيىن» شىركىتىنىڭ ئامېرىكادىكى تور بېتىگە بىلدۈرگۈ ئېلان قىلىپ، مەزكۇر شىركەتنىڭ يەرلىك قانۇن-تۈزۈملەرگە رىئايە قىلىدىغانلىقىنى، ھەر يىل قەرەللىك نازارەت قىلىش مېخانىزمىنى ئىشقا سېلىپ، مەجبۇرىي ئەمگەك ياكى ھەر قانداق ئىجتىمائىي مەسىلىگە چېتىشلىق مەھسۇلاتنى سېتىشقا قەتئىي رۇخسەت قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.