ئامېرىكا ئانا ۋەتەن خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق يەنە ئىككى شىركەتنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزدى
2024.10.03
ئامېرىكا ئانا ۋەتەن خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى 2-ئۆكتەبىر كۈنى خىتاينىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق يەنە ئىككى شىركىتىنى چەكلەش تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن. بۇنىڭ بىلەن ئامېرىكا ئانا ۋەتەن خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» بويىچە قارا تىزىملىككە كىرگۈزگەن خىتاي شىركەتلىرىنىڭ سانى 75 كە يېتىپ بارغان.
ئامېرىكا ئانا ۋەتەن خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقىنىڭ 2-ئۆكتەبىر ئېلان قىلغان باياناتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىم خىتاينىڭ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ پالات-تۆمۈر شىركىتى بولغان باۋۋۇ گۇرۇھىغا قاراشلىق «شىنجاڭ 1-ئاۋغۇست پولات-تۆمۈر شىركىتى» بىلەن جياڭسۇ ئۆلكىسىنى بازا قىلغان «چاڭجوۋ گۇاڭخۇي يېمەكلىك تېتىتقۇلىرى شىركىتى» قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن.
بۇ، ئامېرىكانىڭ تۇنجى قېتىم ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەشنى خىتاي پولات تۆمۈر مەھسۇلاتلىرىغا ۋە ئۇيغۇر ئېلىدىن ماتېرىيال سېتىۋالغان كارخانىلارغا كېڭەيتىشى ھېسابلىنىدۇ، دەپ قارالماقتا. بۇنىڭ ئالدىدا، ئامېرىكا ئانا ۋەتەن خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى چەكلەش تىزىملىكىنى ئاليۇمىن مەھسۇلاتلىرىغا قاراتقانىدى.
ئامېرىكا ئانا ۋەتەن خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ سىياسىي ئىشلارغا مەسئۇل ياردەمچى مىنىستىرى روبېرت سىلۋېر مەجبۇرىي ئەمگەكنى چەكلەشتە «ھېچقانداق ساھەنىڭ چەكلىمە سىرتىدا ئەمەسلىكى» نى بىلدۈرۈپ، «بىز پۈتكۈل سانائەت ساھەسىدە بۇنداق كارخانىلارنى ئېنىقلاشنى داۋاملاشتۇرىمىز، شۇنداقلا ئېكسپلاتاتسىيە ھەم دەپسەندىچىلىكتىن پايدا ئېلىشنى كۆزلەۋاتقانلارنى جاۋابكارلىققا تارتىشنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېگەن.
ئامېرىكا ئانا ۋەتەن خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ كۆرسىتىشىچە، خىتاينىڭ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى «شىنجاڭ 1-ئاۋغۇست پولات تۆمۈر شىركىتى» دۆلەت ھامىيلىقىدىكى ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش پىروگراممىسىغا داۋاملىق قاتنىشىپ، ئۇيغۇر ۋە قىرغىز ئەمگەك كۈچلىرىنى قوبۇل قىلىپ ئىشلەتكەن. ئۇنىڭ چاڭجوۋ گۇاڭخۇي يېمەكلىك تېتىتقۇلىرى شىركىتى بولسا، مەھسۇلاتلىرىغا ئۇيغۇر ئېلىدە ئىشلەپچىقىرىلغان ماتېرىياللارنى ئىشلەتكەن. ئامېرىكا ئانا ۋەتەن خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەشنى پولات-تۆمۈر ساھەسىگە كېڭەيتىشى، خىتاي تەرەپ «ئامېرىكانىڭ ئېمبارگوسى ئۇيغۇر ئىشچىلىرىغا ئېغىر زىيان ئېلىپ كەلدى» دېگەننى كەڭ تەشۋىق قىلىۋاتقان بىر ۋاقىتتا ئېلان قىلىنغان.