خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ موڭغۇل ئالىي دەرىجىلىك رەھبىرى كادىرى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2018.02.26

يەكشەنبە كۈنى خىتاي ئاساسىي قانۇنىدىن دۆلەت رەئىسى ۋە مۇئاۋىن رەئىسىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۆھلىتىنىڭ چىقىرىۋېتىلىشىگە ئائىت مەتبۇئات ئۇچۇرلىرى تارقىلىپ، بۇنىڭ شى جىنپىڭنىڭ ئەبەدىي رەئىس بولۇش ئارزۇسىنىڭ ئىپادىسى ئىكەنلىكى تەھلىل قىلىنىۋاتقاندا خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ يەنە بىر ئالىي دەرىجىلىك رەھبىرى كادىرى، موڭغۇل مىللىتىدىن كېلىپ چىققان ياڭ جىڭنىڭ ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغانلىقىمۇ تەڭلا ئوتتۇرىغا چىقتى.

خىتاي ھۆكۈمەت مەتبۇئاتلىرىدىن شىنخۇا ئاگېنتلىقى 18-نۆۋەتلىك كومپارتىيە مەركىزى كومىتېتى سېكرېتارىياتىنىڭ سېكرېتارى، دۆلەت ئىشلىرى كومىسسارى ۋە دۆلەت ئىشلىرى كابىنېتى باش كاتىپى ياڭ جىڭنىڭ ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىدىن دېلو تۇرغۇزۇلۇپ تەكشۈرۈشكە باشلانغانلىقى ئاشكارىلاندى. 

خىتاي مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئۇنىڭ «سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىگە خىلاپلىق قىلغانلىقى»، «ئۇزۇن مەزگىل قانۇنسىز كارخانىچىلار ۋە جەمئىيەتتىكى قانۇنسىز كىشىلەر بىلەن ئالاقە قىلغانلىقى»، ھەم «زور شەخسىي پايدا ئۈچۈن قۇلايلىق شارائىت ھازىرلىغانلىقى» قاتارلىق جىنايەتلىرىنى كۆرسەتكەن.

ياڭ جىڭ كۆپ يىللار مىللىي رايونلاردا خىزمەت قىلغان بولۇپ، ئۇ ئىچكى موڭغۇلنىڭ ئوردوس رايونىدىكى جۇڭغار ئايمىقىدىن ئىدى. ئىچكى موڭغۇل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خىتاي تىل-ئەدەبىيات كەسپىنى پۈتتۈرگەن، بۇ يىل 64 ياشقا كىرگەن ياڭ جىڭ 2003-يىلى، ئىچكى، موڭغۇل ئاپتونوم رايونى رەئىسى ۋە 2008-يىلىدىن كېيىن خىتاي مەملىكەتلىك مىللىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ھەم خىتاي كومپارتىيىسى بىرلىكسەپ ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان.

ياڭ جىڭ موڭغۇللار ئارىسىدا خىتاي مۇئاۋىن دۆلەت رەئىسى بولغان ئۇلانفۇدىن كېيىن مەركىزى ھاكىمىيەت ۋە كومپارتىيە مەركىزى كومىتېتىدا يۇقىرى ھوقۇق تۇتقان موڭغۇل ھېسابلىنىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.