سانائەتلەشكەن 7 دۆلەت مالىيە مىنىستىرلىرى ئىتالىيەدە خىتاينىڭ «ناھەق» سانائەت سىياسىتىگە قارشى تەدبىر ئېلىشنى مۇزاكىرە قىلىدۇ

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەركىن تەييارلىدى
2024.05.24

ئامېرىكانى ئۆز ئىچىگە ئالغان سانائەتلەشكەن يەتتە دېموكراتىك دۆلەتنىڭ مالىيە مىنىستىرلىرى 24-ماي كۈنىدىن باشلاپ ئىتالىيەنىڭ ستېرېسا شەھىرىدە ئىككى كۈنلۈك يىغىن باشلىغان.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قېتىملىق مالىيە مىنىستىرلىرى يىغىنىنىڭ كۈنتەرتىپىدىكى نۇقتىلىق تېما، ئۇكرائىناغا قەرز پۇل بېرىشتە ۋە خىتاينىڭ «ناھەق» سانائەت ئىشلەپچىقىرىشى سىياسىتىگە قارشى تۇرۇشتا ئورتاق بىرلىكسەپ شەكىللەندۈرۈشنى مۇزاكىرە قىلىش ئىكەن. بۇ يىغىن ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى جېنېت يېلېننىڭ يېقىندا خىتاينى ئۇنىڭ سانائەت ئېشىنچا مەھسۇلاتلىرى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇپ، دۇنيانىڭ خىتاي سانائەت ئېشىنچا مەھسۇلاتلىرىنى ئىستېمال قىلىپ بولالمايدىغانلىقى، ئۇنىڭ دۇنيا ئىقتىسادىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغانلىقىنى كەسكىن رەۋىشتە ئاگاھلاندۇرۇشى ۋە بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆتكەن ھەپتە خىتاي ماللىرىغا تاموژنا بېجىنى كۆپەيتىش پىلانىنى ئېلان قىلىشىنىڭ ئارقىسىدىنلا ئۆتكۈزۈلمەكتە.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى جېنېت يېلېن 23-ماي كۈنى قىلغان سۆزىدە، ئامېرىكىنىڭ سانائەتلەشكەن يەتتە دۆلەت گۇرۇھىدىكى ياپونىيە، گېرمانىيە، فىرانسىيە، ئەنگلىيە، كانادا ئىتالىيە قاتارلىق ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ ۋاشىنگتون بىلەن بىرگە تۇرۇشىنى تەلەپ قىلغان. غەرب تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدە، خىتاي بىلەن سودا ئۇرۇشى قىلىشتىن ساقلىنىش زۆرۈر بولسىمۇ، ئەمما سانائەتلەشكەن يەتتە دۆلەتنىڭ خىتاينىڭ «ناھەق سودا ئەمەلىيىتى» گە قارشى ئۆزلىرىنىڭ سانائەت مەنپەئەتىنى قوغدىشىنىڭ زۆرۈرلۈكى قەيت قىلىنماقتا.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىتالىيە ئىقتىساد مىنىستىرى گىئورگېتى، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئامېرىكانى ئۆرنەك ئېلىپ ئىتالىيە ماللىرىغا تاموژنا بېجىنى ئۆستۈرۈشىنىڭ پەقەت ۋاقىت مەسىلىسى بولۇپ قالغانلىقىنى ئېيتقان. خەۋەرلەردە، مالىيە مىنىستىرلىرىنىڭ ئۇكرائىناغا قەرز بېرىشتە رۇسىيەنىڭ ياۋروپا ۋە ئامېرىكادىكى توڭلىتىلغان مال-مۈلكىگە زاكالەت قويۇشنى مۇزاكىرە قىلىشى، ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى قەرز پۇلنىڭ 50 مىليارد دوللار ئەتراپىدا بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما قەرز سوممىسىنىڭ تېخى بېكىتىلمىگەنلىكى قەيت قىلىنماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.