خىتاي ھۆكۈمىتى 197 كىشىنى «توردا ئۆسەك سۆز تارقاتقان» دېگەن جىنايەت بىلەن جازالىغان
2015.08.31
بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۈگۈن تيەنجىن شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئۆزىنىڭ مىكروبىلوگىدا خەۋەر بېرىپ، تيەنجىندىكى زور پارتلاشتا ئۆلگەنلەر سانىنىڭ 158 گە يەتكەنلىكىنى ئېلان قىلغان.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە، شىنخۇا ئاگېنتلىقى خىتاي دۆلەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، 197 كىشىنى «ھەر خىل تېمىلاردا توردا ئۆسەك سۆز تارقاتقان» دېگەن جىنايەت بىلەن جازالىغانلىقىنى خەۋەر قىلغان.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان رەسمىي خەۋەردە يەنە، خىتاي دۆلەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقىنىڭ يېقىندىن بۇيان ئىنتېرنېتتا جەمئىي 165 ئادرېسنى تاقىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. خەۋەردە بىر قىسىم تور كېزەرلىرىنىڭ «جۇڭگودىكى پاي چېكى بازىرى چۈشۈپ كەتكەنلىكى سەۋەبىدىن بىر كىشى بېيجىڭدا بىنادىن سەكرەپ ئۆلىۋالدى»، «تيەنجىندىكى پارتلاشتا ئاز دېگەندە 1300 ئادەم ئۆلدى» دېگەندەك ئۆسەك سۆزلەرنى تارقاتقانلىقى ئۈچۈن جازالانغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
خەۋەردە يەنە خېلى كۆپ ساندىكى كىشىلەرنىڭ بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلۈش ئالدىدا تۇرغان ھەربىي پارات ھەققىدە ئۆسەك سۆز تارقاتقانلىقى ئۈچۈن جازالانغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.
كۆزەتكۈچىلەر، خىتاي تور ساقچىلىرىنىڭ نۆۋەتتە ئىلگىرىكى ھەرقانداق بىر مەزگىلگە سېلىشتۇرغاندا «سەزگۈرلۈكىنىڭ پەۋقۇلئاددە ئېشىپ كەتكەن» لىكىنى تەكىتلىمەكتە.