قەشقەردە تەييارلانغان چوڭ تىپتىكى ئوپېرا «بەن چاۋ» خىتاينىڭ مۇستەملىكىچىلىك تەشۋىقاتىنى نامايان قىلدى
2024.10.08
«خىتاي خەۋەرلىرى» تورىنىڭ 6-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا قەشقەردە تەييارلانغان چوڭ تىپتىكى ناخشا-ئۇسسۇللۇق ئوپېرا «بەن چاۋ» 21-نۆۋەتلىك «خىتاي-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى كۆرگەزمىسى» دە قويۇلغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا كارتون فىلىم «بەن چاۋ» غا مۇناسىۋەتلىك بىر يۈرۈش مەدەنىيەت بۇيۇملىرىمۇ بازارغا سېلىنغان.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، چوڭ تىپتىكى بۇ ناخشا-ئۇسسۇللۇق ئوپېرادا بەن چاۋنىڭ شەرقىي خەن سۇلالىسى (مىلادىيە 25-220-يىللار) دەۋرىدە غەربىي رايونغا سەپەر قىلىپ، قەشقەر يېڭى شەھەردىكى قاراۋۇلخانىدا ۋەزىپە ئۆتىگەن «تارىخى» ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. خەۋەردە يەنە «تارىخىي قەھرىمان بەن چاۋنىڭ شانلىق ئىش-ئىزلىرى نامايان قىلىنىش بىلەن بىرگە، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ تارىخىي يىلتىزىنىڭ بىر تۇتاش ئىكەنلىكى كۆرسىتىلدى» دېيىلگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دائىرىلىرى بەن چاۋنى قەشقەرگە باغلاش تەشۋىقاتىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن. قەشقەر شەھىرىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى تۈمەن دەرياسى بويىغا توغرا كېلىدىغان ئەسكىھىسار خارابىلىكى خىتاي تەشۋىقاتلىرىدا «غەربى دىياردىكى 36 بەگلىكنىڭ بىرى بولغان سۇللىغ خان ئوردىسى» دەپ چۈشەندۈرۈلگەن. شۇنداقلا «مىلادىيە 73-يىلى بەن چاۋ بۇ يەردە بارگاھ قۇرغان ھەمدە بۇ يەرنى بازا قىلىپ، ھونلارنى تىنچىتىپ، غەربىي دىيارنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ۋەزىپىسىنى تاماملىغان» دېيىلگەن. خىتاي ھەتتا بۇ خارابىلىكنىڭ يېنىدىكى يولغا «بەن چاۋ يولى» دەپ نام بەرگەن.
ئامېرىكادىكى جورجتوۋن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى جەيمىس مىللۋارد بۇ ھەقتە رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى خەن سۇلالىسىدىن باشلاپ خىتاينىڭ زېمىنى، دەپ داۋراڭ قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، ئەمما خىتاينىڭ 751-يىلىدىن باشلاپ چىڭ سۇلالىسىگە قەدەر بولغان مىڭ يىل ئىچىدە بۇ رايوندا ھېچقانداق سىياسىي تەسىرىنىڭ بولمىغانلىقىنى، يەنە كېلىپ خىتايلارنىڭ ئىزچىل داۋام قىلغان مىللىي دۆلىتى بولمىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.