چېخىيە پايتەختى پىراگادا ئۆتكۈزۈلگەن «2000-مۇنبەر» نىڭ يىغىنىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىنغان

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەركىن تەييارلىدى
2024.10.14

13-ئۆكتەبىر كۈنى چېخىيە پايتەختى پىراگادا باشلانغان 28-قېتىملىق «2000-مۇنبەر» نىڭ يىغىنىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى مۇھىم مۇزاكىرە تېمىلىرىدىن بىرى بولغان. مەلۇم بولۇشىچە، سابىق تەيۋەن پىرېزىدېنتى سەي يىڭۋېن تەكلىپ قىلىنغان ۋە چېخىيە پىرېزىدېنتى پېتىر پاۋېل نۇتۇق سۆزلىگەن بۇ قېتىملىق يىغىنغا، ئۇيغۇرلاردىن پائالىيەتچى جەۋھەر ئىلھام، «ئىلھام توختىنى قوللاش گۇرۇپپىسى» نىڭ مەسئۇلى ئەنۋەر جان ۋە «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى روشەن ئابباس قاتارلىقلارمۇ تەكلىپ قىلىنغان. ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى خەۋەرلەردە، يىغىننىڭ 14-ئۆكتەبىر ئەتىگەندە مەخسۇس تېمىلار بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن مۇزاكىرە يىغىنىدا ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى مىرىئام لېكسمان، جەۋھەر ئىلھام، ئەنۋەر جان ۋە روشەن ئابباس قاتارلىقلار سۆز قىلغان.

مىرىئان لېكسمان خانىم 14-ئۆكتەبىر X تا ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرىدا، «2000-مۇنبەر» نىڭ بۈگۈن ئەتىگەنكى مۇزاكىرە يىغىنىدا، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى سادىر قىلىۋاتقان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتى ھەققىدىكى مۇزاكىرىگە قاتناشقانلىقىدىن پەخىرلەنگەنلىكىنى ئېيتقان. ئۇ سۆزىدە: «بىز ھەر كۈنى سادىر بولۇۋاتقان جىنايەتكە قارشى سۆزلەشنى داۋاملاشتۇرۇشىمىز ۋە خىتاي كومپارتىيەسىنى جاۋابكارلىققا تارتىشىمىز كېرەك» دېگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىملىق يىغىنغا تۇنجى قېتىم سابىق تەيۋەن پىرېزىدېنتى سەي يىڭۋېن قاتناشقان ۋە نۇتۇق سۆزلىگەن شۇنداقلا چېخىيە پىرېزىدېنتى پېتىر پاۋېل ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكەن. بۇ بىر ياۋروپا دۆلىتى رەھبىرىنىڭ تۇنجى قېتىم بىر سابىق تەيۋەن پىرېزىدېنتى بىلەن ئوچۇق-ئاشكارا كۆرۈشۈشى، دەپ قارالماقتا.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ قەيت قىلىشىچە، سەي يىڭۋېن يىغىندا قىلغان سۆزىدە، تەيۋەن دېموكراتىيەنى ئىستىبدات دۆلەتلەرنىڭ بۇزغۇنچىلىقىدىن قوغداشنىڭ ئالدىنقى سېپى بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرگەن. سەي يىڭۋېننىڭ يىغىندا تەكىتلىشىچە، ئىستىبدات ھاكىمىيەتلەر دۇنياغا ئۆزىنىڭ ھۆكۈمەت تۈزۈلمىسىنى ئېكسپورت قىلىشنى، ئۇچۇر ئۇرۇشى ئېلىپ بېرىش، تەھدىت سېلىش ۋە تاجاۋۇز قىلىش قاتارلىق ۋاسىتىلەرنى ئىشلىتىپ، دېموكراتىك جەمئىيەتلەرنى پالەچ ھالغا چۈشۈرۈپ قويۇشقا ئۇرۇنماقتىكەن. سەي يىڭۋېن: «تەيۋەن پۈتۈن بۇ ھۇجۇملارنىڭ ئالدىنقى سېپىدە تۇرماقتا. بۇنىڭ ئەڭ يېڭى ئىپادىسى خىتاينىڭ بۈگۈن ئەتىگەن ھەربىي مانېۋىر ئېلىپ بېرىشنى ئېلان قىلىشىدۇر» دېگەن.

 «2000-مۇنبەر» نىڭ يىغىنى سابىق چېخىيە پىرېزىدېنتى ۋاسلاۋ خاۋېل تەرىپىدىن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى رەھبەرلەرنى، مۇتەپەككۇرلارنى يىغىپ، دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلار مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە مەقسىتىدە ئۇيۇشتۇرۇلغانىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.