خىتاي ئۇيغۇر رايونىدا قىزىل ئىدىيەنى تەشۋىق قىلىدىغان 25 مۇزېي ئاچقان

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2022-05-19
Share

خىتاي ھۆكۈمىتى 18-ماي «خەلقئارا مۇزېي كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيغۇر رايونىدا كەڭ كۆلەمدە خىتاي تارىخى ۋە مەدەنىيىتىنى تەشۋىق قىلىدىغان مۇزېي-كۆرگەزمە پائالىيىتى ئېلىپ بارغان.

«خىتاي خەۋەرلەر تورى» نىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر رايونىدا قىزىل ئىدىيەنى تەشۋىق قىلىدىغان، تارىخىتىكى خىتاي سۇلالىلىرىنىڭ «شىنجاڭنى ئەزەلدىن ئىدارە قىلىپ كەلگەنلىكى» نى كۆرگەزمە قىلىدىغان 25 مۇزېي ئاچقان. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتىنىڭ پارتكوم سېكرىتارى خوۋ خەنمىننىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قىزىل مۇزېيلار خىتاينىڭ «شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش» قۇرۇلۇشى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىكەن.

«شىنجاڭ شىنخۇي قىزىل ئەسلىمە مۇزېيى»، «ئىدىقۇت ‹شەرق قىزاردى› مەدەنىيەت مۇزېيى»، «يۈز يىللىق قەشقەر مۇزېيى»، «چىرا قىزىل كۆرگەزمىسى» قاتارلىق يېڭىدىن قۇرۇلغان بۇ 25 قىزىل مۇزېي، خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر رايونىدا تەشۋىقات ئۈچۈن قۇرغان 246 ھەر تۈرلۈك مۇزېي-كۆرگەزمىخانىلارنىڭ بىر بۆلۈكى ئىكەن.

«خىتاي خەۋەرلەر تورى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 5-ئاينىڭ 18-كۈنىدىن باشلاپ ئۈرۈمچىدىكى «شىنجاڭ مۇزېيى» دا، «خىتاي مەركىزىي سۇلالىلىرىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تارىخى باش تېما قىلىنغان يۈرۈشلۈك كۆرگەزمە: -‹شىنجاڭ تارىخىي يادىكارلىقلىرى كۆرگەزمىسى›» ئېچىلىشقا باشلىغان. ئۇنىڭدا پۈتۈنلەي خىتاينىڭ قەدىمكى تارىخى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىنى قانداق ئىدارە قىلغانلىقىغا دائىر تەشۋىقات ماتېرىياللىرى ۋە بويۇملاردىن 1570 پارچىسى كۆرگەزمىگە قويۇلغان.

خىتاي دائىرىلىرى 2017-يىلى ئۇيغۇر ئېلىدا مىليونلىغان ئۇيغۇرنى لاگېرلارغا قاماپ، ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى يۈرگۈزۈشنى باشلىغاندىن بۇيان «شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش»، «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش» دېگەندەك چېكىدىن ئاشقان خىتاي شوۋىنىزىمىنى يولغا قويۇپ، ئۇيغۇرلارنى ھەر جەھەتتىن ئېرىتىپ تۈگىتىشكە ئۇرۇنۇپ كەلمەكتە.

ھازىر نورۋېگىيەدە تۇرۇشلۇق پائالىيەتچى ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىىسىدە ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەرگەندە، نۆۋەتتىكى بۇ ۋەزىيەتنى «خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر ئۇيغۇرلارنى خىتايدىنمۇ بەكرەك خىتاي قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ،» دېگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت