خىتاينىڭ غەرب دۇنياسىدىكى كۋانت تەتقىقاتى ئۇيغۇر دىيارىنى نىشان قىلغان
2023.06.13
«گېرمانىيە دولقۇنلىرى» نىڭ 13-ئىيۇندىكى تەكشۈرۈش دوكلاتىدا ئېيتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كۋانت (quantum) فىزىكىسى ساھەسىدىكى تەتقىقاتلىرى ئاقىۋەتتە ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىي كونتروللۇق ۋە قىرغىنچىلىققا تەدبىقلانغان.
دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، گېرمانىيەدىكى خېيدىلبېرگ (Heidelberg) ئۇنىۋېرسىتېتى كۋانت فىزىكىسى ساھەسىدىكى بايراقدار ئورۇن بولۇپ كەلگەنلىكتىن دۇنيا بويىچە بۇ ساھەدىكى تەتقىقاتچىلار ئەڭ كۆپ يىغىلىدىغان بىر جايغا ئايلىنىپ قالغان. خىتاي فىزىكا ئالىمى پەن جيەنۋېيمۇ شۇ قاتاردا 2003-يىلى ئاۋسترىيەدىكى دوكتورلۇق ئوقۇشىنى تاماملاپ بۇ ئۇنىۋېرسىتېتقا تەتقىقاتچى بولۇپ كەلگەن. بۇ جايدا ئۇ كۋانت ئالاقىسى ساھەسىدىكى تەتقىقاتقا قاتناشقان ھەمدە سۈنئىي ھەمراھ، تېلېفون قاتارلىقلاردا قوللىنىلىدىغان «يىراق ئارىلىق بىلەن بىخەتەر ۋە مۇقىم ئالاقىلىشىش» پرىنسىپلىرىنى ئۆگەنگەن. بۇ جەرياندا ئۇ گېرمانىيەدىكى ھەر دەرىجىلىك تەتقىقات ئورۇنلىرى، جۈملىدىن خۇمبولد (Humboldt) فوندىغا ئوخشاش پەن-تېخنىكا جەمئىيەتلىرىدىن يىلىغا نەچچە يۈزمىڭ ياۋرودىن نەچچە مىليون ياۋروغىچە تەتقىقات خىراجىتى ئالغان.
ھالبۇكى 2008-يىلى پەن جيەنۋېي ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە گېرمانىيەدىكى پەن-تېخنىكا جەمئىيەتلىرىنىڭ نەچچە مىليون ياۋرولۇق ماددىي ياردىمى بىلەن قۇرۇپ چىققان تەجرىبىخانىنى خىتايغا يۆتكەپ كەتكەن. 2016-يىلىغا كەلگەندە پەن جيەنۋېينىڭ خىتاي دۆلەت مۇداپىئە ئۇنىۋېرسىتېتى قارمىقىدىكى تەتقىقات گۇرۇپپىسى دۇنيا بويىچە تۇنجى كۋانت سۈنئىي ھەمراھىنى بوشلۇققا قويۇپ بەرگەن. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي مەزكۇر كۋانت فىزىكىسى تەتقىقات گۇرۇپپىسى بىر شىركەت بولۇپ قۇرۇلغان ھەمدە شاڭخەيدە ئۆزلىرىنىڭ پاي چەكلىرىنى بازارغا سالغان.
ئەنە شۇ ۋاقىتلاردا ئۇلارنىڭ 2017-يىلى ئۇيغۇر دىيارىدا بىر تارماق تەتقىقات ئورنى قۇرغانلىقى، بۇنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن ھەربىي ۋە بىخەتەرلىك ساھەسى بويىچە مۇلازىمەت قىلغانلىقى مەلۇم بولۇپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇ شىركەتنى «قارا تىزىملىك» كە ئالغان. پەن جيەنۋېي بۇ ھەقتە مۇخبىرلارغا سۆز قىلىپ: «شىنجاڭدىكى تارماق شىركەتنىڭ ئېچىلغانلىقىدىن مېنىڭ خەۋىرىم يوق ئىكەن» دېگەن. يېل (Yale) ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىسى چېڭ ياڭياڭ بۇ ھەقتە توختىلىپ: «ئاللىقاچان ھەربىي رايونغا ئايلىنىپ قالغان شىنجاڭدا بۇنداق بىر تارماق شىركەتنىڭ ئېچىلىشى تاسادىپىيلىق ئەمەس. بۇ جايدا بۇنداق بىر شىركەتنىڭ دۇنياغا كېلىشى ئۇلارنىڭ خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگانلىرى بىلەن بەكمۇ قويۇق ئالاقىسى بارلىقىنى ئىشارە قىلىدۇ» دېگەن.