قۇش زۇكامىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا ۋەھىمە پەيدا قىلىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە
2014.12.22
خوڭكوڭدا چىقىدىغان «مىڭپاۋ» گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتايدا قۇش زۇكامىغا گىرىپتار بولغان يەنە 7 كىشىنىڭ بايقالغانلىقى مەلۇم.
خىتاي دۆلەتلىك پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ ئاشكارىلىشىغا قارىغاندا، قۇش زۇكامىغا گىرىپتار بولغان 7 نەپەر بىمارنىڭ 4 نەپىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن ئىكەن.
قۇش زۇكامىغا گىرىپتار بولغانلىقى بايقالغان 7 نەپەر بىمارنىڭ 4 نەپىرىنىڭ ئالىقاچان ئۆلگەنلىكى مەلۇم. ئۆلگەنلەر ئىچىدە 3 نەپىرىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى بىمارلار ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
بۇ ۋەقە ئاشكارىلىنىشى بىلەن ئۇيغۇر ئېلىدىكى سەھىيە تارماقلىرى جىددىيچىلىككە ئۆتكەن.
تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، دائىرىلەر ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يىكەنكۆل رايونىغا جايلاشقان خۇالىڭ قۇش بازىرىنى مەڭگۈلۈك تاقايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر قۇش بازىرى يىللاردىن بۇيان خىتاي ئۆلكىلىرىدىن ئېلىپ كېلىنگەن تۈرلۈك - تۈمەن ئەرمەك قۇشلارنى ساتىدىغان بازارغا ئايلانغان. مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خۇالىڭ قۇش بازىرىدا يۇقۇملۇق كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ھېچبىر ساقلىقنى ساقلاش سىستېمىسى بولمىغان. بۇ ھال نوپۇسى شىددەت بىلەن كۆپىيىۋاتقان ئۈرۈمچى شەھىرىگە قۇشلاردىن تارقىلىدىغان يۇقۇملۇق كېسەل تەھدىتى ئېلىپ كەلگەن.









