خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنى ساختا تارىخ تەشۋىقاتىغا مەجبۇرلىماقتا

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەزىز تەييارلىدى
2023.05.24
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

خىتاي ھۆكۈمىتى باشقۇرۇشىدىكى «خىتاي خەۋەر تورى» نىڭ يېقىنقى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندىن بۇيان «سىخې مۆھۈرى» ناملىق بىر تامغا ھەققىدىكى تەشۋىقاتىنى ئومۇملاشتۇرۇۋاتقان بولۇپ، بۇنى خىتاينىڭ قەدىمكى ۋاقىتلاردىن تارتىپ ئۇيغۇر دىيارىنى «باشقۇرغانلىقى» نىڭ ئىسپاتى، دەپ جاكارلىغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ تامغا 1950-يىللاردا تاماملانغان بىر قېتىملىق ئارخېئولوگىيەلىك قېزىش جەريانىدا نىيە قەدىمىي خارابىسىدىن تېپىلغان. ئەمما خەۋەردە ئۆتكەن يېرىم ئەسىردىن بۇيان نېمە ئۈچۈن بۇ تامغا ھەققىدە گەپ-سۆز بولمىغانلىقى توغرىسىدا ھېچنەرسە دېيىلمىگەن. تامغا ئۈستىگە ئويۇلغان خىتايچە خەتلەر مەزكۇر تامغىنىڭ دېھقانچىلىق ساھەسىگە مەنسۇپ خىزمەتلەرگە بېغىشلانغانلىقىنى ئىشارە قىلىدىكەن. خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېينىڭ تەتقىقاتچىسى ئادىل ئابلىزنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، ئۇنىڭ ئاغزىدىن مۇشۇ تامغىنىڭ نىيە تەۋەسىدىن بايقالغانلىقىنى «خەن سۇلالىسىنىڭ مىلادىدىن بۇرۇنلا غەربىي يۇرتتا بوز يەر ئاچقانلىقىنىڭ ئىسپاتى» دەپ جاكارلىغان. شۇنىڭدەك مۇشۇ تامغىنىڭ بايقالغانلىقىنى «نىيە تەۋەسىنىڭ ئەينى ۋاقىتتا شەرقىي خەن سۇلالىسى بوز يەر ئاچقان ۋە باشقۇرغان بىر رايون ئىكەنلىكىنىڭ دەلىلى. ئۇ قەدىمكى ۋاقىتلاردىن تارتىپلا ‹بۈيۈك بىرلىك› ۋە جۇڭخۇا ئورتاق كىملىكى چۈشەنچىسىنىڭ ئورنىتىلىشىدا زور ئەھمىيەتكە ئىگە» دېگەن. شۇ ئارقىلىق بۇنىڭ بىر تۈرلۈك سىياسىي تەشۋىقات ئىكەنلىكى قىسمەن مەلۇم بولغان.

ھالبۇكى، خىتاي تارىخنامىلىرىدە يېزىلىشىچە، قەدىمكى غەربىي يۇرت ھونلارنىڭ ئىلكىدىكى ئارقا سەپ رايونى بولۇپ، شۇ دەستۇرلارنىڭ بىرى بولغان «خەننامە» دە ئېنىق قىلىپ، «قولىدا ھون تەڭرىقۇتىنىڭ بىر پارچە خېتى بولغان ئەلچى پۈتكۈل غەربىي يۇرتتا بىمالال سەپەر قىلالايدۇ» دېيىلگەن. «كەكمەنىر شېئىرلىرى» نامىدىكى ساختا ئارخېئولوگىيەلىك تېكىستلەر ئۆتكەن ئەسىردە خىتاي ئارخېئولوگلىرى تەرىپىدىن بازارغا سېلىنغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئۇنىڭ سىياسىي مەقسەت ئۈچۈن ياسالغان ساختا بۇيۇم ئىكەنلىكى پاش بولغان ئىدى. ئۇنىڭدا «ئەزەلدىنلا خىتايلار بولمىش مېنىڭ ئۇستازىم» دېگەن ساختا مىسرالار ئورۇن ئالغان بولۇپ، ھەتتا مەشھۇر خىتاي شائىرى ۋە ئارخېئولوگى گو مورومۇ بۇ ھەقتە ھاياجان بىلەن ماقالە ئېلان قىلغان ئىدى. خىتاي «ئالىم» لىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى بۇ خىل «ئارخېئولوگىيەلىك بايقاش» لارغا قانچىلىك «ماھىر» لىقى شۇ قېتىملىق «ئارخېئولوگىيە سەتچىلىكى» دە ئاشكارا بولغان ئىدى.

بۇ خىلدىكى قەدىمىي يازما تېكىستلەر ھەققىدە رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇرشۇناس ئالىملاردىن پروفېسسور جېيمىس مىلۋارد «قەدىمكى يىپەك يولىنىڭ ئۆتۈشمە ئېغىزى بولغان بۇ رايوندىن خىتايچە خەت يېزىلغان بىر نەرسىنىڭ تېپىلىشى، خۇددى نيۇ-يورك شەھىرىنىڭ بىرەر كوچىسىدىن خىتايچە خەت يېزىلغان بىرەر بۇيۇمنىڭ ئۇچرىغىنىغا ئوخشاش بىر ئىش» دېگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.