«ئۇيغۇر ياشلىرى تەشەببۇسى ھەرىكىتى» گېرمانىيەدىكى «شېئىن» دۇكىنى ئالدىدا نارازىلىق بىلدۈردى
2024.10.28
گېرمانىيە «ئۇيغۇر ياشلىرى تەشەببۇسى ھەرىكىتى» نىڭ پائالىيەتچىلىرى يېقىندا خىتاينىڭ داڭلىق مودا كىيىم ماركىسى «شېئىن» (Shein) نىڭ فرانكفۇرت شەھىرىدىكى دۇكىنىدا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە قارشى نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزگەن. ئۇلار دۇكانغا كىرىپ يۇقىرى ئاۋازدا «شېئىن» نىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن ھەمدە خېرىدارلارنى «شېئىن» نىڭ مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋالماسلىققا چاقىرغان. ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى ئۇچۇرلاردا «شېئىن» نىڭ فرانكفۇرت شەھىرىدىكى بىر سودا سارىيىدا ئېچىلغان بۇ دۇكىنىنىڭ تېخى يېقىندىلا سودا باشلىغانلىقى قەيت قىلىنماقتا.
«ئۇيغۇر ياشلىرى تەشەببۇسى» نىڭ نەق مەيدان سىن كۆرۈنۈشلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بىر قانچە نامايىشچى ياش دۇكاندىكى خېرىدارلارغا «مىليونلىغان ئۇيغۇر ئوغۇل-قىزلىرى يىللاردىن بېرى يۆتكەپ ئەمگەككە سېلىنماقتا… بىز ئائىلىمىز بىلەن يىللاردىن بېرى ئالاقىلىشالمايۋاتىمىز» دەپ چاقىرىق قىلغان، شۇنداقلا «شېئىن» نىڭ مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئەرزان بولۇشىدىكى سەۋەب ئۇنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىدىن پايدىلىنىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
نەق مەيدان ۋىدىيوسىدىن بىر نامايىشچىنىڭ «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى راستتۇر» دېگەن كىچىك لوزۇنكا كۆتۈرۈۋالغانلىقى، نامايىشچىلارنى دۇكاندىكى بىخەتەرلىك خادىملىرى دۇكاندىن مەجبۇرىي سىرتقا چىقىرىۋەتكەن بولسىمۇ، سىرتتا داۋاملىق نارازىلىق بىلدۈرگەنلىكى كۆرۈلمەكتە. بۇ قېتىملىق پائالىيەت غەرب ئەللىرىدە «شېئىن» نىڭ مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەش سادالىرى كۈچىيىۋاتقان، «شېئىن» نىڭ لوندون ئاكسىيە بازىرىدا پاي چېكى تارقىتىشىنى چەكلەش تەلەپ قىلىنغان، شۇنىڭدەك ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرى بۇ 2024-يىلى 5-ئايدا ئامېرىكا ئاكسىيە ئوبوروتى كومىتېتىغا مەكتۇپ يوللاپ «شېئىن» نىڭ ھەرقانداق مەھسۇلاتىدا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ يوقلۇقىنى ئىسپاتلىشى لازىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان پەيتتە ئېلىپ بېرىلغان.
مەلۇم بولۇشىچە، «ئۇيغۇر ياشلىرى تەشەببۇسى ھەرىكىتى» نى گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇر ۋە بىر قىسىم تۈرك، گېرمان قىزلىرى 2022-يىلى قۇرۇپ چىققان بولۇپ، ئۇلار ئىزچىل ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا قارشى تۈرلۈك ئاممىۋى پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلمەكتە.