شىۋېيتسارىيە ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ شىۋېيتسارىيەدىكى ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرگە بېسىم قىلىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىغان

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەركىن تەييارلىدى
2025.02.13

شىۋېيتسارىيە ھۆكۈمىتى 12-فېۋرال دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ شىۋېيتسارىيەدىكى ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرگە بېسىم قىلىۋاتقانلىقىنى، ئۇلارنى شىۋېيتسارىيەدە ياشاۋاتقان ئۆز جامائەتلىرى ئۈستىدىن جاسۇسلۇق قىلىشقا زورلىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

دوكلاتتا قەيت قىلىنىشىچە، شىۋېيتسارىيەدىكى ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەر خىتاينىڭ «چېگرا ھالقىغان باستۇرۇشى» نىڭ نىشانى بولماقتا ئىكەن. دوكلاتتا يەنە خىتاينىڭ تىبەت ۋە ئۇيغۇرلارنى ئۆزلىرىنىڭ شىۋېيتسارىيەدە ياشاۋاتقان جامائەتلىرى ئۈستىدىن جاسۇسلۇق قىلىشقا زورلىغاندىن سىرت، «سىياسىي جەھەتتە ئاكتىپ بولغان كىشىلەرنى سىستېمىلىق نازارەت قىلغانلىقى، ئۇلارنى رەسىمگە تارتقانلىقى ۋە فىلىمغا ئالغانلىقىنىڭ ئالامەتلىرىنىڭمۇ بارلىقى» نى بىلدۈرگەن. دوكلاتتا مۇنداق دېيىلگەن: «بۇ يەردە يەنە تور ھۇجۇمى ۋە ئالاقىنى نازارەت قىلىش ئالامەتلىرىمۇ بار، بۇ بەلكىم تىبەت ۋە ئۇيغۇر جامائەتلىرىنى قوللاپ سىياسىي پائالىيەت قىلىۋاتقان شىۋېيتسارىيە پۇقرالىرىنى نىشان قىلغان بولۇشى مۇمكىن».

مەلۇم بولۇشىچە، شىۋېيتسارىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ دوكلاتى، شىۋېيتسارىيەنىڭ بازىل ئۇنىۋېرسىتېتى تەييارلىغان تەتقىقات دوكلاتىنى ئاساس قىلغان بولۇپ، بازېل ئۇنىۋېرسىتېتى بۇ دوكلاتنى شىۋېيتسارىيە ئەدلىيە ھەم كۆچمەنلەر مىنىستىرلىقلىرىنىڭ ھاۋالىسىگە بىنائەن تەييارلىغان ئىكەن. بۇ دوكلاتتىكى ئەھۋاللارنى خىتاي ھۆكۈمىتى ئىنكار قىلغان بولسىمۇ، ئەمما چەت ئەل تەتقىقات ئورۇنلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتاينىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر، تىبەت، خوڭكوڭ ۋە ئۆكتىچى خىتايلارنى كونترول قىلىشتا «بىرلىكسەپ خىزمىتى» شەكىللەندۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ئائىلە ئەزالىرىنى گۆرۈگە تۇتۇش، تەھدىت سېلىش، قورقۇتۇش قاتارلىق كۆپ خىل ۋاسىتىلەرنى ئىشقا سېلىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلىۋاتقان پەيتتە ئېلان قىلىندى. دوكلاتتا، گەرچە دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇشنىڭ ئاقىۋىتىنى تېررورلۇق ھادىسىلىرىدەك ئاسان بايقىغىلى بولمىسىمۇ، ئەمما «ئۇلار ئۇزۇن مۇددەتتە شىۋېيتسارىيەنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا زور تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن.

دوكلاتتا قەيت قىلىنىشىچە، بېيجىڭنىڭ «ئاساسلىق مەقسەتلىرىنىڭ بىرى»، بولۇپمۇ تور ھۇجۇملىرى ئارقىلىق، شىۋېيتسارىيەدىكى تىبەت ۋە ئۇيغۇرلارنى سىياسىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشتىن ۋاز كەچتۈرۈش ئىكەن. بۇ، شىۋېيتسارىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تۇنجى قېتىم خىتاينىڭ شۇ دۆلەتتىكى ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرگە قاراتقان «چېگرا ھالقىغان باستۇرۇشى» ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلىشىدۇر.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ دوكلات دەرھال خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنكاسىنى قوزغىغان. خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى گو جياكۈن 13-فېۋرال شىۋېيتسارىيە ھۆكۈمىتىنى «خاتا ئۇچۇر» تارقىتىش بىلەن ئەيىبلىگەن. گو جياكۈننىڭ قارىشىچە، شىۋېيتسارىيە ھۆكۈمىتى «خىتاينىڭ نېگىزلىك مەنپەئەتلىرى ۋە ئاساسلىق ئەندىشىلىرىگە ھۆرمەت قىلىشى، تاشقىي دۇنياغا خاتا ئۇچۇر تارقىتىشنى توختىتىشى كېرەك» ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.