ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2022-06-30
بۇ يىغىن ئۇيغۇر رايونىدىكى ئىقتىسادىي تالان-تاراج ۋە مەدەنىيەت ئاسسىمىلاتسىيەسىدە ئاۋانگارتلىق رولىنى ئويناۋاتقان بىڭتۇەننىڭ ئالاھىدە قوللىشى بىلەن ئېچىلغان بولۇپ، بىڭتۇەن پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن سېكرىتارى، پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ليۇ جيەنمىڭ يىغىندا سۆز قىلىپ، «شىنجاڭنى مەدەنىيەت بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇش» خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تەكىتلىگەن.
2022-06-30
خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا ئاشكارىلانغىنىدەك، 2020-يىل 7-ئايدا چېن چۈەنگو، جۇ خەيلۇن ۋە بىڭتۇەننىڭ ئىككى ئەمەلدارى جازالانغاندىن كېيىن، خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىسىترلىكى كۆپ قېتىم ئامېرىكانى ئەيبلىگەن، ئەمما يەنىلا بۇ ئەمەلدارلارنىڭ كۆپ قىسمىنى ئالماشتۇرغان.
2022-06-30
خىتايدىكى ياۋروپا ئىتتىپاقى سودا جەمئىيىتى خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئىلتىجا قىلىپ: «بۇ قانۇندىكى تەلەپ بەك يۇقىرى، ھۆكۈمەت چوقۇم 3-تەرەپنىڭ مۇستەقىل ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىشىغا يول قويىدىغان بىرەر تەدبىر تۈزۈشى كېرەك،» دېگەن.
2022-06-30
ناتوغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى بۇ يىغىندا تاجاۋۇزچى رۇسىيەنى ئاساسلىق رەقىب، ئۇنىڭغا ياردەم بېرىۋاتقان خىتاينى ئىستراتېگىيەلىك «خىرىس» دەپ ئاتىغان ھەمدە بۇ رەزىل ئىتتىپاققا قانداق تاقابىل تۇرۇش مەسىلىسىنى مۇزاكىرىلەشكەن.
2022-06-30
بۇ يىغىندا يەنە يېڭى زېلاندىيە باش مىنىسىتىرى جاسىندا ئاردېرن (Jacinda Ardern) خىتاينىڭ خەلقئارا قائىدە-تەرتىپنى بۇزۇش ئىشەنچىنىڭ بارغانسېرى ئېشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ھەمدە ھىندۇ-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى دۆلەتلەرنى ئىقتىسادىي ۋە دىپلوماتىك ئالاقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشكە چاقىرغان.
2022-06-29
ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى جەۋھەر ئىلھام يېقىندا «تومسون رۇيترېس فوندى» تورىدا ماقالە ئېلان قىلىپ، «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» گەرچە مەجبۇرىي ئەمگەكنى ئاياغلاشتۇرۇش كۈرىشىدىكى دەۋر بۆلگۈچ ۋەقە بولسىمۇ، بۇ زۇلۇمنى توختىتىش ئۈچۈن يەنە نۇرغۇن ئىشلارنى قىلىش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
2022-06-29
28-ئىيۇن كۈنى جوۋ بايدېن ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ 5 شىركىتىنى رۇسىيەنىڭ ھەربىي ۋە دۆلەت مۇداپىئە بازىسىغا ياردەم بەرگەنلىكى ئۈچۈن قارا تىزىملىككە كىرگۈزگەن؛ بۇ ئارقىلىق رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا ھۇجۇم قىلىشىغا ياردەم بېرىۋاتقان ھەر قانداق دۆلەت ياكى ئورگاننى جازالايدىغانلىق ئىرادىسىنى كۆرسەتكەن.
2022-06-29
خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تورلىرىدا ئاشكارىلىنىشىچە، قاراماي شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسى 29-ئىيۇن كۈنىدىن باشلاپ، جۇڭكې تيەنجى شىركىتى سىناق قىلىپ ئىشلەپچىقارغان 20 دانە ئادەمسىز چارلاش ماشىنىسىنى رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرگەن.
2022-06-29
يېقىنقى يىللادىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىغا غايەت زور مىقداردا مەبلەغ سېلىپ، تەكلىماكان قۇملۇقىنى چۆرىدىگەن تۆمۈر يول ياساش بىلەن بىرگە، تەكلىماكان قۇملۇقىنى كېسىپ ئۆتىدىغان تاشيوللارنى ياساپ، رايوننىڭ قاتناش تورىنى ھەر تەرەپكە تۇتاشتۇرغان.
2022-06-29
خىتايچە «تەڭرىتاغ» تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم يېقىندا پارتىيە ۋەكىللىرى يىغىنى ئېچىپ، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ بۇ يىل ئۆتكۈزۈلىدىغان 20-قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىدىغان ۋەكىللەرنى سايلاپ چىققان.
2022-06-28
«ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» 2022-يىلى 21-ئىيۇن كۈنىدىن باشلاپ رەسمىي ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغانىدى.
2022-06-28
«شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى» (NATO) نىڭ خىتاي ھەققىدىكى تۇنجى ئىستراتېگىيەلىك پىلانى 6-ئاينىڭ ئاخىرى چاقىرىلىدىغان ئەزالار يىغىنىدىن كېيىن ئېلان قىلىنىدىكەن.
2022-06-28
2021-يىلى دېكابىردا ئۈرۈمچىدە قولغا ئېلىنغان زۇليار ياسىن ئەسلىدە خىتايدىكى فۇجيەن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى بولۇپ، ئۈرۈمچىگە پراكتىكا قىلىش ئۈچۈن كەلگەندە «بۆلگۈنچىلىك» بىلەن ئەيىبلىنىپ قولغا ئېلىنغان.
2022-06-28
دۇنياۋىي كىيىم-كېچەك شىركەتلىرىدىن بولغان شىركىتى H&M شىركىتىنىڭ شاڭخەي شەھىرىدىكى ئەڭ چوڭ سېتىش دۇكىنى مۇشۇ ھەپتىدە تاقىلىپ قالغان. باش دۇكاننىڭ بېشىدىكى شىركەت ئىسمى يېزىلغان تاختايمۇ يۇلۇپ ئېلىۋېتىلگەن.
2022-06-28
خىتاي ھۆكۈمىتى باشقۇرۇشىدىكى شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 28-ئىيۇندىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 28-ئىيۇن كۈنى ئۇيغۇر دىيارىدا 2014-يىلىدىن بۇيان ئىزچىل داۋاملىشىپ كەلگەن «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» سىياسىتىنى بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئىزچىل ئىجرا قىلىش كېرەكلىكىنى جاكارلىغان.