ئەركىنلىك سارىيى: «تايلاندتىكى ئۇيغۇرلار ئۇزۇن يىللىق تۇتقۇندىن كېيىن، ئەمدى چېگرا ھالقىغان باستۇرۇشقا دۇچ كەلدى»
2025.02.13
ئامېرىكادىكى نوپۇزلۇق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدىن «ئەركىنلىك سارىيى» 13-فېۋرال تايلاندتىكى ئۇيغۇرلار ھەققىدە قىسقا دوكلات ئېلان قىلىپ، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇزۇن يىللىق تۇتقۇندىن كېيىن، ئەمدى چېگرا ھالقىغان باستۇرۇشقا دۇچ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
دوكلاتتا قەيت قىلىنىشىچە، خىتاي دۇنيادا چېگرا ھالقىغان باستۇرۇش بىلەن شۇغۇللانغۇچى ئالدىنقى ئورۇندىكى دۆلەت بولۇپ، 2024-يىلدىن 2024-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا يۈز بەرگەن چېگرا ھالقىغان باستۇرۇشقا ئائىت ۋەقەلەرنىڭ 22 پىرسەنتىنى خىتاي قىلغانىكەن. دوكلاتتا، تايلاند دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر سىياسىي پاناھلانغۇچىلىرىنى مەجبۇرىي خىتايغا قايتۇرماسلىقى، ب د ت مۇساپىرلار ئالى مەھكىمىسىنىڭ ئۇيغۇر تۇتقۇنلار بىلەن ئالاقە قۇرۇشىغا يول قويۇشى كېرەكلىكى تەكىتلەنگەن. دوكلاتتا تەكىتلىنىشىچە، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ب د ت مۇساپىرلار ئالى مەھكىمىسىمۇ، خىتاينىڭ ھەر خىل بېسىملىرىغا باش ئەگمەي، ئۆزىنىڭ مۇساپىرلارنى قوغداش ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىشى كېرەك ئىكەن.
ئەركىن سارىيىنىڭ دوكلاتى، تايلاند دائىرىلىرىنىڭ 48 نەپەر ئۇيغۇر مۇساپىرىنى خىتايغا قايتۇرماقچى بولۇۋاتقانلىقىغا دائىر خەۋەرلەر مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، بەزى غەربلىك تەتقىقاتچىلار، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە بىر قىسىم غەرب سىياسىيونلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ، تايلاند ھۆكۈمىتىگە بولغان بېسىم كۈچەيگەن بىر پەيتتە ئېلان قىلىنغان. نۆۋەتتە، تايلاند دائىرىلىرى ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇش پىلانى يوقلۇقىنى قەيت قىلسىمۇ، ئەمما كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بۇ خەۋپنىڭ يەنىلا مەۋجۇت ئىكەنلىكى، يېقىندا خىتايدا زىيارەتتە بولغان تايلاند باش مىنىستىرى شىناۋاترانىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە تىز پۈكۈشىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ كەلمەكتە.
ئەركىنلىك سارىيى دوكلاتتا مۇنداق دېگەن: «بۇ كىشىلەرنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ۋاقىت بار. تايلاند دائىرىلىرى بۇ كىشىلەر بىلەن ئۇچرىشىشقا چەكلىمە قويۇش ئورنىغا، ب د ت مۇساپىرلار ئالى مەھكىمىسىنىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك ئىزتىراپلىرىغا خاتىمە بېرىلىشكە ھەقلىق بۇ تۇتقۇنلار بىلەن ئالاقە قۇرۇشىغا يول قويۇشى كېرەك.»
دوكلاتتا قەيت قىلىنىشىچە، «باڭكوك بۇ كىشىلەرنىڭ ھەقلىرىنى قوغداش، ئۇلارنىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك تۇتقۇنلۇقىغا خاتىمە بېرىش ئارقىلىق، بېيجىڭنىڭ تەسىرىدىن خالى ھەرىكەت قىلىدىغانلىقى ھەققىدە كۈچلۈك سىگنال بېرەلەيدىكەن.»