تىك-توك ئەپىنىڭ يەنىمۇ كۆپ خەتىرى ئاشكارىلانماقتا

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2022.08.17
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

ئامېرىكادىكى  URL Genius ناملىق بىر كۆچمە ئالاقە شىركىتى ئېلان قىلغان بىر تەتقىقات نەتىجىسىدىن قارىغاندا، تىك-توك (TikTok) ئەپى ئابونتلارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرىنى باشقا ھەرقانداق ئىجتىمائىي ئالاقە ئەپلىرىگە قارىغاندا بەكرەك يىغىدىكەن.

مۇھىمى، تىك-توك ئۈچىنچى تەرەپ ئىز قوغلىغۇچىلارنىڭ ئابونتلارنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىنى توپلىشىغا يول قويىدىكەن. بۇ ئىز قوغلىغۇچىلارنىڭ كىملىكى، قانداق سانلىق مەلۇماتلارنى توپلاۋاتقانلىقى ۋە نېمىلەرنى ئىشلىتىۋاتقانلىقى تىك-توك ۋە شۇ ئۈچىنچى تەرەپ ئىز قوغلىغۇچىلىرىدىن باشقا ھېچكىمگە ئېنىق ئەمەس ئىكەن.

«ۋاشىنگتون كۆزەتكۈچىسى» (Washington Examiner) خەۋەر تورىدا ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى خەۋەردە، تىك – توك ئابونتلارنىڭ ئۇچۇرىنى يىغىشقا يول قويۇۋاتقان ئۈچىنچى تەرەپنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئىكەنلىكى، چۈنكى تىك-توكنىڭ خىتاينىڭ ByteDance شىركىتى ئىگىدارچىلىقىدىكى ئەپ ئىكەنلىكى، خىتاي قانۇنلىرى بويىچە ھەرقانداق شىركەتنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن سانلىق مەلۇماتنى ھەمبەھىرلەشنى رەت قىلالمايدىغانلىقى بايان قىلىنغان.

مەزكۇر ماقالىدە يەنە تىك-توكنىڭ ئانا شىركىتى بولغان ByteDance كە ئوخشاش شىركەتلەرنىڭ ئەمەلىيەتتە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ بىر ئورگىنى ئىكەنلىكى، شۇڭا تىك-توكقا ئوخشاش ئەپلەرنىڭ ئامېرىكالىقلارنىڭ تېلېفونلىرىدا ياكى ئەپ دۇكانلىرىدا بولماسلىقى كېرەكلىكى ئاگاھلاندۇرۇلغان.

يېقىندا ئامېرىكانىڭ «بازفېد» تورى تىك-توك ئەپى ھەققىدە مەخسۇس دوكلات ئېلان قىلىپ، ئۇنىڭ ئامېرىكا ئابۇنتلىرىنىڭ شەخسىي سانلىق مەلۇماتلىرىنى خىتايغا يىغىپ بېرىۋاتقانلىقى ھەم ئۇلارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرىنى بېيجىڭغا يوللاشنى داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى ئاشكارلىغان ئىدى. دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، تىك-توك ئابونتلارنىڭ تۇرۇشلۇق ئورنى ۋە ھەرىكەت ئۇچۇرلىرى يىغىش بىلەن بىرلىكتە يەنە ئۇلارنىڭ ھېسابات ئۇچۇرلىرى، ئىزدەش تارىخىنى ئىز قوغلىيالايدىكەن. تىك-توك ئەپى چۈشۈرۈلگەن تېلېفونلاردا ئەپنى ئىشلەتمىگەن تەقدىردىمۇ ئابونتلارنىڭ ئورنى، مەشغۇلاتلىرىنى بىلىپ تۇرىدىكەن.

 ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستېرلىقىنىڭ سابىق مىنىستېرى مايك پومپېيومۇ يېقىندا تىۋىتتېرغا يوللىغان بىر ئۇچۇرىدا ئامېرىكالىقلارنى تىك-توك ئەپىدىن ئاگاھلاندۇرۇپ: «خىتاي بۇ شەخسىي ئۇچۇرلارنى ھەرۋاقىت ئامېرىكا خەلقىگە قارشى ئىشلىتىدۇ» دېگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.