ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 2025-يىللىق ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمەت پىلانى ئېلان قىلغان
2025.02.13
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتى 13-فېۋرال كۈنى ما شىڭرۈينىڭ رىياسەتچىلىكىدە مەخسۇس يىغىن ئۆتكۈزۈپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ 2025-يىللىق ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمەت پىلانىنى ئېلان قىلغان.
خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدە، بۇ يىغىننىڭ رايوندا ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، «چوڭ كۆلەمدىكى ئاپەت خاراكتېرلىك ۋەقەلەرنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش» نى، «مەسئۇلىيەتنى تېخىمۇ كۈچەيتىش» نى تەلەپ قىلىنغانلىقى قەيت قىلىنماقتا.
«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يىغىن يەنە «دۆلەتنىڭ ئاشلىق، پاختا ۋە مۇھىم دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى تەمىناتىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، بۇ يىللىق ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى ئاشۇرۇش نىشانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئاكتىپ ئىلگىرى سۈرۈش»، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، «شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دىنىي ئىشلارنى قانۇن بىلەن باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق ئېڭى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش» نى تەلەپ قىلغان.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ 2025-يىللىق ئىجتىمائىي مۇقىملىق خىزمىتى پىلانى، ئامېرىكا ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدىن چېكىنىپ چىققان بولسىمۇ، ئەمما كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئۇيغۇرلارغا قارىتا داۋاملىشىۋاتقان «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ياكى «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» نىڭ توختىتىلىشى، مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ بىكار قىلىنىپ، ئائىلىلەرنىڭ قايتا جەم بولۇشى ئۈچۈن غەرب ئەللىرىنىڭ خىتايغا تېخىمۇ قاتتىق بېسىم ئىشلىتىشىنى داۋاملىق چاقىرىق قىلىۋاتقان بىر پەيتتە ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا. لېكىن «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، يىغىن «پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنى باشقۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى داۋاملىق تولۇق، توغرا ۋە ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش» نى تەلەپ قىلىپ، ئۇنىڭ «شىنجاڭ سىياسىتى» دە ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمايدىغانلىقىنىڭ بېشارىتىنى بەرگەن.
يىغىندا يەنە مۇنۇلار تەكىتلەنگەن: «مۇقىملىقنى ساقلاش كۈچلىرىنىڭ ئاساسىي قاتلامغا چۆكۈش خىزمەت مېخانىزمىنى ياخشىلاش، شىنجاڭدا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە مۇقىملىقنى قوغداشنى ‹كونترول قىلىش› تىن ‹ياخشى باشقۇرۇش› قا ئايلاندۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، پۈتكۈل ئىجتىمائىي ۋەزىيەتنىڭ سىجىل مۇقىملىقىنى قەتئىي ساقلاش كېرەك».