ئۇيغۇر ئېلىدە «كۆپ مىللەتلىك مەھەللە» تەشۋىقاتى قانات يايماقتا
2024.11.05
«خىتاي خەۋەرلىرى تورى» نىڭ 5-نويابىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۇيغۇر ئېلىدە خىتاينىڭ «جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش» بازىلىرى بولغان «كۆپ مىللەتلىك مەھەللە» لەر كۆپلەپ بارلىققا كېلىپ، مىللەتلەرنىڭ ھەر تۈرلۈك مەدەنىيەت-سەنئەت پائالىيەتلىرى بىرلىكتە ئۆتكۈزۈلمەكتە ئىكەن.
بۇنىڭ مىسالى سۈپىتىدە، بىڭتۈەن 12-دىۋىزىيەگە قاراشلىق دېھقانچىلىق-چارۋىچىلىق مەھەللىسىدىكى 14 مىللەتتىن بولغان 5000 دىن كۆپ ئاھالىنىڭ ئۆزلۈكىدىن تەشكىللىنىپ، مەدەنىيەت-سەنئەت پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزگەنلىكى؛ قەشقەر شەھىرى «شەرقىي كۆل مەھەللىسى»دىكى ئۇيغۇر، تۇڭگان، تاجىك، قازاق، موڭغۇل ۋە خىتاي بولۇپ 6000 دىن كۆپ ئاھالىنىڭ «ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ» ساغلاملىق-تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى ئېلىپ بارغانلىقى؛ چۆچەك شەھىرى «يېڭى شەھەر مەھەللىسى» دىكى خىتاي، تۇڭگان، ئۇيغۇر، قازاق، شىبە بولۇپ 14 مىللەتتىن تەشكىل تاپقان 1500 ئۆيلۈك ئاھالىنىڭ 2014-يىلدىن باشلاپلا بىر-بىرىنىڭ ھېيت-بايراملىرىنى تەبرىكلەپ، يېمەك-ئىچمەك، زىياپەتلەردە بىللە بولۇپ كېلىۋاتقانلىقى قاتارلىقلار تەپسىلىي تونۇشتۇرۇلغان. شۇنداقلا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ «كۆپ مىللەت ۋە كۆپ خىل مەدەنىيەت يۇغۇرۇلغان رايون» بولۇشقا قاراپ تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقى تەشۋىق قىلىنغان.
خەۋەردە، «نۆۋەتتە شىنجاڭ ئۇيۇشقان جەمئىيەت قۇرۇلمىسى ۋە جەمئىيەت مۇھىتى بەرپا قىلىشقا، ماكان، مەدەنىيەت، ئىقتىساد جەھەتتە بىر گەۋدىلىشىشكە، شۇ ئارقىلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆزئارا قوشۇلۇشىغا شارائىت يارىتىپ بېرىشكە تىرىشماقتا» دېيىلگەن. ھالبۇكى بۇ نىشان خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئاساسلىق مىللەت بولغان ئۇيغۇرلارنى سىياسىي ئورنىدىن مەھرۇم قالدۇرۇش، شۇنداقلا شى جىنپىڭنىڭ «جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئورتاق گەۋدىسىنى مۇستەھكەملەش» شوئارى ئاستىدا، بارلىق مىللەتلەرنى خىتايغا سىڭدۈرۈۋېتىش پىلانىنىڭ ئىجرا قىلىنىشى دەپ قارىلىپ كەلمەكتە. ئامېرىكادا ياشاۋاتقان خىتاي ئانالىزچىسى خۇ پىڭ ئەپەندى بۇ ھەقتە رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە، «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ‹جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى كۈچەيتىش› نى تەكىتلىشىدىكى سىياسىي مەقسەت ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ يوقىتىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس» دېگەنىدى.