رۇبىيو بىلەن مېركىلېي ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە زەربە بېرىشنى كۈچەيتىش ھەققىدە قانۇن لايىھەسى سۇنغان

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەركىن تەييارلىدى
2024.09.20

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ جۇمھۇرىيەتچى ۋە دېموكراتچى كېڭەش پالاتا ئەزالىرىدىن ماركو رۇبىيو بىلەن جېف مېركىلېي 19-سېنتەبىر ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە زەربە بېرىش سالمىقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش ھەققىدە بىر قانۇن لايىھەسى سۇنغان.

ماركو رۇبىيونىڭ 19-سېنتەبىر ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى باياناتىدا كۆرسىتىشىچە، مەجبۇرىي ئەمگەك دۇنيا مىقياسىدا، بولۇپمۇ خىتاينىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئۇيغۇر ۋە باشقا يەرلىك مىللەتلەرنى قەبىھلەرچە باستۇرۇشتا داۋاملىق قوللىنىۋاتقان بولۇپ، «ئامېرىكا خىتاينىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا قارشى تۇرۇشتا داۋاملىق قەتئىي مەيداندا تۇرۇشى كېرەك» ئىكەن. «مەجبۇرىي ئەمگەكنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلەشنى چەكلەش قانۇنى» ناملىق مەزكۇر قانۇن لايىھەسىدە، ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرىدىن ئامېرىكانىڭ خەلقئارا پۇل-مۇئامىلە ئورگانلىرىدىكى مەسئۇللىرىغا مەجبۇرىي ئەمگەك، بولۇپمۇ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە قارشى تۇرۇشى ھەققىدە يوليورۇق بېرىشى تەلەپ قىلىنغان.

باياناتتا ماركو رۇبىيو مۇنداق دېگەن: «خىتاي كومپارتىيەسى ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قاراتقان قەبىھ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھەرىكىتىنى داۋاملاشتۇرماقتا. بىزنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك ئارقىلىق بۇلغانغان ھەرقانداق مەھسۇلاتنى سېتىۋالماسلىقتىن ئىبارەت ئەخلاقىي بۇرچىمىز بار. مەن دۇنيادىكى تۇنجى ‹ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇنى› نىڭ ئوتتۇرىغا قويغۇچىسى بولۇش سۈپىتىدە، بۇ زامانىۋى قۇللۇق ئەمگىكىگە قارشى بىزنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئىشلارنى قىلىشىمىزغا كاپالەتلىك قىلىشتا قەتئىي نىيەتتىمەن.»

باياناتتا جېف مېركىلېي «پارتىيە ھالقىغان بۇ قانۇن لايىھەسى ‹ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى› ئاساسىدا، ئامېرىكانىڭ بۇ قورقۇنچلۇق كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە ھەمتاۋاق بولۇپ قالماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقى» نى ئېيتقان.

مەلۇم بولۇشىچە، ئاۋام پالاتا ئەزاسى جېنىفېر ۋاكستون بۇ قانۇن لايىھەسىنىڭ يەنە بىر نۇسخىسىنى ئاۋام پالاتاسىدا سۇنغان. جېنىفېر ۋاكستوننىڭ قانۇن لايىھەسىدىمۇ، ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرىنىڭ خەلقئارا پۇل-مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىدىكى ئامېرىكا مەسئۇللىرىنى، بولۇپمۇ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىلىش خەۋپى بولغان قۇرۇلۇش تۈرلىرىگە قەرز بېرىشكە قارشى تۇرۇشقا بۇيرۇشى تەلەپ قىلىنغان ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.