داۋىد ئالتون ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى ئاياغلاشتۇرۇش ھەققىدە ماقالە يازدى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئىرادە تەييارلىدى
2023.11.20

ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان ئەنگلىيە ئاۋام پالاتا ئەزاسى داۋىد ئالتون (David Alton) يېقىندا «ئامېرىكا ژۇرنىلى» ناملىق تور بەتتە ماقالە ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكىنى ئاياغلاشتۇرۇش ئۈچۈن ھەربىر پۇقرانىڭ قولىدىن كېلىشىچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى لازىملىقىنى ئەسكەرتكەن.

ئۇ ماقالىسىدە تارىختىن بۇيان قۇللار ئەمگىكى، تەڭسىزلىك، تاماكا چېكىش قاتارلىق ھەر خىل ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا تونۇشنى ئۆستۈرۈشنىڭ ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى بايان قىلغان. شۇنىڭدەك ئىجتىمائىي مەسىلىلەرگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدىغان ھازىرقى دەۋر ياشلىرى ئەگەر ئۆزلىرى ئىستېمال قىلىۋاتقان مەھسۇلاتلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە مەجبۇرىي ئەمگىكى ئاساسىدا ئىشلەپ چىقىرىلغانلىقىنى بىلسە، ئۇ ھالدا بۇ مەھسۇلاتلارغا سوئال قويىدىغانلىقى ۋە ئۇنى بايقۇت قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

ئۇ يەنە ماقالىسىدە، گەرچە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى چىقارغان «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» ۋە ئەنگلىيەنىڭ قۇللار ئەمگىكىگە قارشى تۇرۇش قانۇنلىرى بولسىمۇ بىراق مەجبۇرىي ئەمگەكنى پەقەتلا بۇ قانۇنلار بىلەن تۈگەتكىلى بولمايدىغانلىقىنى، ھەربىر شەخس چوقۇم ئۆزى ئىشلىتىۋاتقان مەھسۇلاتلارنىڭ كېلىش مەنبەسىنى بىلىپ ۋە بۇنىڭغا قارشى تەدبىر قوللانغاندىلا ئاندىن تۈگەتكىلى بولىدىغانلىقىنى بايان قىلغان.

ئۇ ماقالىسىدە يەنە، ئىنسانلارنىڭ ھوقۇقىغا، دىنىي ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلمايدىغان ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئىنسانلارنىڭ ھېچقانداق ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلمايدىغانلىقىنىمۇ ئەسكەرتىپ، دىنىي ئەركىنلىك، كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئارىسىدىكى زىچ باغلىنىشنى كۆرسىتىپ بەرگەن.

داۋىد ئالتون ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدا، «ئادەم ئەتكەسچىلىكى، قۇللار ئەمگىكى ۋە شۇنىڭدەك ئېغىر ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى تۈگىتىش ئاسان ئەمەس، ئەلۋەتتە بىر پارچە كىيىمنىڭ ماركىسىغا دىققەت قىلىش بىلەن زۇلۇمنى ئاياغلاشتۇرغىلى بولمايدۇ. بىراق ھېچقانداق ئىش قىلماسلىق ئىشلارنىڭ تېخىمۇ ناچارلاشقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ» دەپ ئەسكەرتكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.