ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى دىپلوماتلىرى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدىكى ئەندىشىلىرىنى ئىپادىلىدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2021-12-03
Share

ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى 2-دېكابىر كۈنى خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى توغرىسىدا يەنە بىر قېتىم دىپلوماتىك سۆھبەت ئ‍ۆتكۈزۈپ، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدىكى ئورتاق ئەندىشىلىرىدە داۋاملىق ماسلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. مەلۇم بولۇشىچە، كىشىلىك ھوقۇق، جەنۇبىي دېڭىز قاتارلىق خىتايغا ئالاقىدار نۇرغۇن تېمىلارغا چېتىلغان بۇ سۆھبەت، خىتايغا قارىتا ئاتلانتىك ئوكياندىن ھالقىغان بىرلىك سەپ شەكىللىنىۋاتقانلىقىنىڭ ئەڭ يېڭى بېشارىتى ئىكەن. 2-دېكابىر كۈنى ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ سۆھبەت، ئامېرىكانىڭ مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋېندى شېرمان بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تاشقى ھەرىكەت ئىشلىرى باش كاتىپى ستېفانو سانىنو ئارىسىدا ئېلىپ بېرىلغان.

ئاقساراينىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئىككى تەرەپ سۆھبەتتىن كېيىن ئېلان قىلغان قوشما ئاخباراتىدا: «بىز ئورتاق ئەندىشىلىرىمىزدە، جۈملىدىن شىنجاڭ ۋە تىبەتتە داۋاملىشىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى، خوڭكوڭدا ئاپتونومىيە ۋە دېموكراتىيەنىڭ يوق قىلىنىشى، ئ‍ىقتىسادىي زورلاش، ساختا ئۇچۇر تارقىتىش ھەرىكىتى ۋە رايون خاراكتېرلىك بىخەتەرلىك مەسىلىرىدە داۋاملىق ماسلىشىشنى خالايمىز» دېيىلگەن. قوشما ئاخباراتتا يەنە تەرەپلەرنىڭ شەرقىي ۋە جەنۇبىي دېڭىز ۋەزىيىتىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقى، بۇ رايوننىڭ مەۋجۇت ھالىتىنى بىر تەرەپلىمىلىك ئ‍ۆزگەرتىشكە ۋە ۋەزىيەتنى جىددىليەشتۈرۈشكە قاتتىق قارشى تۇرىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدا تەكىتلىنىشىچە، تەرەپلەر يەنە «خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە داۋاملىق پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىققا، جۈملىدىن كۆپ تەرەپلىك مۇنبەرگە بولغان ئورتاق قىزىقىشىنى ئىپادىلىگەن. بۇ ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتايغا قانداق تاقابىل تۇرۇش توغرىسىدىكى 1-قېتىملىق سۆھبىتى بۇ يىل 5-ئايدا ئ‍ۆتكۈزۈلگەنىدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت