پائالىيەتچىلەر ۋە تەتقىقاتچىلار دۇنيادىكى 82 پارچە سېتىش شىركىتىنى «شىنجاڭ پاختىسى» سېتىۋالماسلىققا چاقىرغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2021-11-29
Share

«ئۇيغۇر مەجبۇرى ئەمگىكىگە خاتىمە بېرىش بىرلەشمىسى» ناملىق بىر خەلقئارالىق ھەرىكەت دۇنيادىكى داڭلىق 82 پارچە سېتىش شىركىتىنىڭ رەھبەرلىرىگە خەت يېزىپ، ئۇلارنى خىتايدىن پاختا ئالماسلىققا ۋە «شىنجاڭ پاختىسى» نى سېتىۋالماسلىققا ۋەدە بېرىشكە چاقىرغان.

مەزكۇر مەكتۇبتا ئەنگىلىيەدىكى ھاللام شېفىلد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان «شىنجاڭ پاختىسى» ھەققىدىكى تەتقىقات دوكلاتى نەقىل كەلتۈرۈلۈپ، خەلقئارا پاختا تىجارىتىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان ۋەشىيانە مۇئامىلىسى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن.

ھاللام شېفىلد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ھېلېنا كېننىدىي خەلقئارا ئادالەت مەركىزى يېقىندا ئېلان قىلغان دوكلاتىدا، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا ئىشلەپچىقىرىلغان «شىنجاڭ پاختىسى» نىڭ شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيادىكى بەزى دۆلەتلەر ئارقىلىق داۋاملىق خەلقئارا بازارغا كىرىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلاپ، قاتتىق غۇلغۇلا قوزغىغان ئىدى. «ئ‍ۇيغۇر مەجبۇرى ئەمگىكىگە خاتىمە بېرىش بىرلەشمىسى» نىڭ كۆرسىتىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدا ب د ت نىڭ سودا ۋە كىشىلىك ھوقۇق يېتەكچى پرىنسىپىغا ئاساسەن تىجارەت قىلىش مۇمكىنسىز ئەھۋالغا كەلگەن بولۇپ، رايوندىكى ھەرقانداق بىر ئىش ئورنىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەكتىن خالى ياكى ئەمەسلىكىنى ئېنىقلاش مۇمكىنچىلىكى يوق ئىكەن.

مەكتۇبتا بۇ شىركەتلەر ئاگاھلاندۇرۇلۇپ: «شىركەتلەر مەۋجۇت ئەخلاقىي مەسئۇلىيىتىدىن ھالقىغان ھالدا دۆلەت ھامىيلىقىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ داۋاملىشىشىغا تۆھپە قوشماسلىققا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ئامېرىكا، كانادادىكى، شۇنداقلا باشقا جايلاردىكى پات يېقىندا بولىدىغان چەكلەشلەر بۇ ماركىلارنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىن كەلگەن ماتېرىياللارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تاۋارلارنى ئىمپورت قىلىشتا ئېغىر قانۇنىي ۋە ئىقتىسادىي ئاقىۋەتكە دۇچ كېلىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ،» دېيىلگەن. مەكتۇبتا بۇ شىركەتلەرنىڭ يۇقۇرىقى ئاقىۋەتكە قېلىشتىن بۇرۇن ئۇيغۇر رايونى بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئۈزۈشى تەلەپ قىلىنغان.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت