ئۇيغۇر ئېلىگە ئائىت 21 تارىخىي يادىكارلىق فىرانسىيەدە «خىتاي ھېكايىسى» نى سۆزلەشكە قوللىنىلغان
2024.11.29
خىتايچە «تەڭرىتاغ تورى»، «شىنجاڭ گېزىتى» تورىنىڭ 29-نويابىر چىقارغان سۈرەتلىك خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىگە ئائىت 21 دانە قىممەتلىك تارىخىي يادىكارلىقنى 18-نويابىر فىرانسىيەنىڭ پارىژ شەھىرى گۇيمېت (Guimet) دۆلەتلىك مۇزېيىدا ئېچىلغان «تاڭ سۇلالىسى—كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيەت ۋە ئېچىۋېتىلگەن سۇلالە دەۋرى» تېمىسىدىكى كۆرگەزمىگە قويغان.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، بۇ يىل فىرانسىيە بىلەن خىتاي دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 60 يىللىقى بولۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ مەدەنىيەت ساھەسىدىكى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن فىرانسىيە مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى بىلەن خىتاي مەدەنىيەت يادىكارلىقى ئىدارىسى بىرلىشىپ بۇ كۆرگەزمىنى ئۇيۇشتۇرغان.
ئاسىيا سەنئىتىنى ئاساس قىلغان گۇيمېت دۆلەتلىك مۇزېيىدا ئۇيۇشتۇرۇلغان بۇ كۆرگەزمىدە خىتاينىڭ «خەن دەۋرى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى»، جۈملىدىن خىتاينىڭ 10 ئۆلكە-شەھىرىدىكى 32 مۇزېيدىن ئېلىپ كەلگەن 200 نەچچە مەدەنىيەت يادىكارلىقى كۆرگەزمىگە قويۇلغان. بۇ يادىكارلىقلار ئىچىدە ئالتۇن-كۈمۈش بۇيۇملىرى، ساپال بۇيۇملار، يىپەك توقۇلمىلار، تام رەسىملىرى، تاش ھەيكەللەر، ھۆسنخەت، رەسىم قاتارلىقلار بار ئىكەن. ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇزېيلاردىن تاللانغان قىممەتلىك يادىكارلىقلاردىن «فۇشى بىلەن نۇۋا رەخت سىزمىسى»، يېپىنچا، تۆگىچى ياغاچ ھەيكىلى، قەدىمكى تەڭگىلەر، كەندىر كەش، شۇنىڭدەك كۆپ خىل مەزمۇندىكى يازما ۋەسىقىلەر كۆرگەزمە قىلىنغان.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى داڭ جىخاۋ خىتايچە ئۇسلۇبتىكى «فۇشى بىلەن نۇۋا رەخت سىزمىسى»، يېپىنچا قاتارلىق يادىكارلىقلارنى تونۇشتۇرۇپ، بۇلارنىڭ قەدىمكى خىتايدا ئۆلۈكلەر بىلەن بىللە كۆمىدىغان ھەمدەپنە بۇيۇملىرى ئىكەنلىكىنى، دېمەك «قەدىمدە ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك مەدەنىيىتىنىڭ غەربىي دىيارغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەنلىكى» نى، دۇنخۇاڭدىن تېپىلغان «مۇھاكىمە ۋە بايان—جېڭشۈەن تەپسىرى» نىڭ تۇرپاندىنمۇ پارچىلىرى تېپىلغانلىقىنى، بۇ ۋەسىقىلەرنىڭ كۇڭزىچىلىق ۋە خىتايچە خەتتاتلىقنى تەتقىق قىلىشتا قىممەتلىك ماتېرىياللار ئىكەنلىكىنى، ئەڭ مۇھىمى بۇ ۋەسىقىلەرنىڭ «تارىختا خىتاي مەركىزىي ھاكىمىيىتىنىڭ شىنجاڭنى باشقۇرغانلىقىنىڭ مۇھىم ئىسپاتى» ئىكەنلىكىنى تەشۋىق قىلغان.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىنقى يىللاردا ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدىن تارتىپ كەسپىي ئورۇنلارغىچە «شىنجاڭ تەشۋىقاتى» خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ھەر خىل تارىخىي ئويدۇرمىلارنى پەيدا قىلىپ، «شىنجاڭ ئەزەلدىن خىتاينىڭ بىر قىسمى» دېگەننى كۈچەپ تەشۋىق قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم. ئەمما بۇ يالغانچىلىقنى نوپۇزلۇق ئالىملار، تارىخشۇناسلار رەت قىلىپ كەلمەكتە. جورجتوۋن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى، چىڭ سۇلالىسى، خىتاي ۋە ئۇيغۇر ئېلى تارىخى تەتقىقاتچىسى جەيمىس مىلۋارد خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ خەن سۇلالىسىدىن باشلاپ خىتاينىڭ زېمىنى ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلىشىنىڭ تارىخىي پاكىتلارغا ئۇيغۇن ئەمەسلىكىنى تەكىتلەيدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئۆز ۋاقتىدا خىتاينىڭ بۇ رايونغا كۈچلۈك تەسىرى بولمىغان؛ خەن سۇلالىسى ۋە تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىمۇ شۇنداق بولغان. تاڭ دەۋرىدىن تاكى چىڭ سۇلالىسىگە قەدەر، يەنى 1759-يىلىغىچە 1000 يىلدىن ئارتۇق ئۇزۇن ۋاقىتتا، خىتاينىڭ ياكى خىتاي زېمىنىدا دۆلەت قۇرغان مىللەتلەرنىڭ بۇ رايوندا ھېچ بىر تەسىرى ۋە كونتروللۇقى بولمىغان. ئىككىنچىدىن، خىتايدا تارىختا داۋاملىق مەۋجۇت بولغان، بىرىنىڭ كەينىدىن بىر داۋام قىلغان بىر خىتاي دۆلىتى بولغان ئەمەس. بۇنداق ئەھۋالدا ئۇلارنىڭ شىنجاڭنى ئەزەلدىن خىتاينىڭ بىر قىسمى دەۋېلىشى تارىخىي ئاساسى بولمىغان، سىياسىي تەشۋىقاتتىن ئىبارەت.