خىتاي تاراتقۇلىرى چاغان بايرىمىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جاي-جايلىرىدا قىزغىن قارشى ئېلىنغانلىقىنى تەشۋىق قىلماقتا
2024.02.09
خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى 9-فېۋرال كۈنىدىكى خەۋەرلىرىدە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا چاغان بايرىمىنىڭ ھارپىسىنىڭ داقا-دۇمباقلار چېلىنىپ، ئەجدىھا ئۇسسۇلى ئوينىلىپ، زور تەنتەنە بىلەن كۈتۈۋېلىنغانلىقىنى بەس-بەستە خەۋەر قىلماقتا.
«تەڭرىتاغ تورى» نىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، شۇ كۈنى ئۇيغۇرلار ئەڭ زىچ ئولتۇراقلاشقان قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ، ئىلى، كورلا قاتارلىق جايلارنىڭ ھەممىسىدە زور كۆلەملىك چاغانلىق پائالىيەتلەر ئۇيۇشتۇرۇلۇپ، ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان ئاھالىلەر بىردەك خىتاي ئەنئەنىسى بويىچە كىيىنىپ شىر ئويۇنى، ئەجدىھا ئويۇنى ئويناشقا تەشكىللەنگەن.
خىتاينىڭ چاغان بايرىمىنى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا تېڭىش ھەرىكىتىدىكى ئاساسلىق نىشان بولغان جاي، بۇ يىل قەشقەر شەھىرى بولغان. خىتاي مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ھەر يىلى تارقىتىلىدىغان زور كۆلەملىك چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكىدىكى ئاساسلىق نەق مەيدان سەھنىلىرىنىڭ بىرىنى قەشقەر شەھىرىدىكى قەدىمىي شەھەر رەسىتىسىدە تەسىس قىلغان. بۇ سەنئەت كېچىلىكىدە ئارتىسلار «داپ-ئەجدەرھا ئۇسسۇلى» نامىدا ئۇيغۇر دېپى بىلەن ئەجدىھا ئۇسسۇلى بىرلەشتۈرۈلگەن نومۇر تەييارلىغان.
خىتاينىڭ «تەڭرىتاغ تورى» نىڭ بىر خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، بۇ يىل قەشقەر شەھىرىنىڭ 17 ئاساسلىق غول يول ھەم 44 يول ئېغىزىدا پانۇس ۋە خىتايچە مەسنەۋىلەر بىلەن بېزەلگەن. ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ بۆشۈكى بولغان قەشقەر پۈتۈنلەي خىتايچە قىياپەتكە كىرگۈزۈلگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى چەت ئەللەردە ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى قاتارلىق ئورگانلاردا ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنى ئىنكار قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ۋە مەدەنىيەت ھوقۇقلىرىنىڭ پۈتۈنلەي كاپالەت ئاستىدا ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلگەن ئىدى.
ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى كۆزىتىپ كېلىۋاتقان مۇتەخەسسىسلەردىن رۇنى ستېنبېرگ ۋە خۇ پىڭ قاتارلىقلارنىڭ رادىيومىزغا دېيىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دەپ ئاتالغان بۇ زېمىندا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىگە خاس بولغان دىنى ۋە مىللىي بايراملىرىنى چەكلەپ، ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان يەرلىك مىللەتلەرنى خىتاينىڭ بايراملىرىنى ئۆتكۈزۈشكە تەشكىللىشى، ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلارغا ئاشكارا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى ئىكەن.