ئۇيغۇر رايونىدىكى يۇقۇمدارلار ۋە «يۇقىرى دەرىجىلىك خەتەرلىك رايون» داۋاملىق يۇقىرى نىسبەتنى ساقلىغان

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2022.11.23

خىتاي سەھىيە تارماقلىرى ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى مەلۇماتقا كۆرە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يېڭىدىن كۆپەيگەن ئالامەتلىك يۇقۇمدارلار 19 ئادەمگە، ئالامەتسىز يۇقۇمدارلار 928 ئادەمگە يەتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە ئۈرۈمچىدىلا 271 ئالامەتسىز يۇقۇمدار كۆپەيگەن.

خىتايچە «تەڭرىتاغ» تورىنىڭ 1-نويابىر كۈنى چىقارغان خەۋىرىدە، پۈتۈن ئۇيغۇر رايونى بويىچە يۇقىرى دەرىجىلىك خەتەرلىك رايوننىڭ 1086 كە يەتكەنلىكى، بۇنىڭ ئىچىدە ئۈرۈمچىدىكى خەتەرلىك رايوننىڭ 877 گە يەتكەنلىكى ئېلان قىلىنغانىدى.

ئىجتىمائىي ئالاقە تورلىرىدا مەلۇم بولغىنىدەك، كۈچلۈك قامال سىياسىتى پەيدا قىلغان كرىزىسى ۋە ئاچارچىلىق خىتاينىڭ گۇاڭجۇ شەھىرىدىلا ئەمەس، ئۈرۈمچى قاتارلىق شەھەرلەردىمۇ كەڭ-كۆلەملىك نارازىلىق پەيدا قىلىۋاتقان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى خېلى زور بېسىمغا دۇچ كەلگەن.

«شىنجاڭ گېزى تى» نىڭ 21-نويابىر كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۈي ۋىدىيولۇق يىغىن چاقىرىپ، بىڭتۇەن ۋە ۋىلايەت دەرىجىلىك ھەر قايسى شەھەرلەر ماددىي ئەشيا، تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى يەتكۈزۈشنى راۋانلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلغان. ئۇنىڭدىن باشقا، 23-نويابىر كۈنى خوتەندە 30 مىڭدىن كۆپ پارتىيە ئەزاسى يۇقۇمنى تىزگىنلەشنىڭ بىرىنچى سېپىگە ماڭدۇرۇلغان.

يۇقىرىقى ئەھۋالنىڭ ئەكسىچە، خىتاينىڭ «شىنخۇا تورى» 21-نويابىر كۈنى خەۋەر تارقىتىپ، «ئۇيغۇر رايونىدىكى يۇقۇمنى تىزگىنلەش خىزمىتى دەسلەپكى قەدەمدە نەتىجىگە ئېرىشتى، قىسمەن رايونلاردا تۇرمۇش ئەسلىگە كەلدى» دېگەن ۋە بۇنىڭغا غۇلجا شەھىرى، تۇرپان شەھەرلىرىنى مىسال كەلتۈرگەن.

ھالبۇكى، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» سىياسىتى داۋاملىق ئىجرا قىلىنىۋاتقان ئەھۋالدا مىڭدىن ئارتۇق «يۇقىرى دەرىجىلىك خەتەرلىك رايون» دىكى ئۇيغۇر ئاھالىسىنىڭ قىشلىق تۇرمۇشىنىڭ يەنىلا زور قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەنلىكى، زور كۆلەملىك «كارانتىن مەركىزى» دە يېتىۋاتقان كىشىلەرنىڭ ئاچلىق، كېسەللىك، روھىي ئازاب تارتىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.