ئۇيغۇر ئېلىدا 16- ئاۋغۇست يەنە 307 نەپەر يۇقۇمدار كۆپەيگەن

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2022.08.17
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

ئۇيغۇر ئېلىدا يېڭى تىپلىق تاجسىمان ۋىرۇستا  يۇقۇملانغۇچىلار داۋاملىق كۆپەيگەن. خىتاينىڭ «تەڭرىتاغ تورى» قاتارلىق ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى تارقاتقان ئىستاتىسكىلاردىن قارىغاندا، 8- ئاينىڭ 16- كۈنى سائەت 0دىن 24كىچە بولغان ئارىلىقتا ئۇيغۇر ئېلىدا ئالامەتسىز يۇقۇملانغۇچىدىن يەنە 307 ئادەم كۆپەيگەن.

بۇلارنىڭ 87 نەپىرى ئۈرۈمچىدە، 126 نەپىرى غۇلجىدا، 63 نەپىرى قۇتۇبى، 4 نەپىرى شىخو، 15 نەپىرى قۇمۇلدا بولۇپ، قالغانلىرى تۇرپان ۋە كورلا قاتارلىق جايلاردا ئىكەن. ئۇيغۇر ئېلىدا تۇرۇشلۇق ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش ئارمىيەسى بىڭتۇەندە بولسا 16- ئاۋغۇست سائەت 24:00 كىچە يەنە 56 كىشى يۇقۇملانغان، ئومۇمىي يۇقۇملانغۇچى سانى بولسا 356 نەپەرگە يەتكەن.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئۇچۇر ئىشخانىسى تارقاتقان ئۇچۇردىن قارىغاندا، 17-ئاۋغۇست سائەت 21:00 گىچە بولغان ئارىلىقتا ئۇيغۇر ئېلىدىكى جەمئىي ئالامەتسىز يۇقۇمدار سانى 2926 نەپەرگە يەتكەن. 

ئۇيغۇر ئېلىدىكى يۇقۇم ۋەزىيىتىنىڭ ئېغىرلىشىشىغا ئەگىشىپ دائىرىلەر قامال تەدبىرلىرىنى كۈچەيتكەنلىكى مەلۇم. 16-ئاۋغۇست كۈنى كەچتە، ئۇيغۇر رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسى مەخسۇس ئاخبارات يىغىنى ئېچىپ «ئۈرۈمچىدىن ئايرىلىدىغان، ئۈرۈمچىگە قايتىدىغان خادىملارغا ئالاقىدار سىياسەتلەر توغرىسىدىكى ئىزاھات» ناملىق ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشنى ئېلان قىلغان.

ئۇقتۇرۇشتا «زۆرۈر بولمىسا ئۈرۈمچىگە كەلمەسلىك، زۆرۈر بولمىسا ئۈرۈمچىدىن ئايرىلماسلىق»، «زۆرۈر ئەھۋاللاردا چوقۇم مۇددەتتىن بۇرۇن تۇرۇشلۇق (ۋاقىتلىق) جايىدىكى مەھەللە(كەنت)لەرگە ئەنگە ئالدۇرۇش»،  «ئۈرۈمچىگە قايتىدىغانلار ياكى كېلىدىغانلار بولسا ئالدى بىلەن ‹شىنجاڭ ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى› كىچىك پىروگراممىسى ئارقىلىق ئۇيغۇر ئېلىگە كىرىشنى ئىلتىماس قىلىش كېرەك» دېگەن ماددىلار ئورۇن ئالغان.

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ پارتكوم سېكرىتارى ماشىڭرۈي 13-ئاۋغۇستتىن 16-ئاۋغۇستقىچە ئىلى، بۆرتالا، سانجى، تۇرپان ۋە قۇمۇل قاتارلىق جايلارغا بېرىپ يۇقۇمنى كونترول قىلىشنى تەكىتلىگەن. ئۇيغۇر رايونىنىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز بولسا ئاقسۇ ۋىلايىتىدە تەكشۈرۈشتە بولغان.

بىراق، ھازىرغىچە ئاشكارىلىنىۋاتقان ۋە يەرلىكتىن ئىگەللەنگەن ئۇچۇرلاردا ئۇيغۇر ئېلىدىكى چېكىدىن ئاشقان كارانتىن تەدبىرلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىنى تېخىمۇ قىيىنلاشتۇرۇپ، ئۇلارغا بولغان بېسىمنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋەتكەنلىكى مەلۇم بولماقتا.  

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.