خىتاي 10 يىل مابەينىدە ھەر خىل باھانە بىلەن ئۇيغۇر رايونىغا كۆپلەپ نوپۇس كۆچۈرگەن
2023.09.18
«خىتاي مەركىزىي تېلېۋىزىيەسى تورى» 18-سېنتەبىر كۈنى چىقارغان خەۋەردە، خىتاينىڭ 10 يىل مابەينىدە «شىنجاڭنى تەرەققىي قىلدۇرۇش» نامى بىلەن كۆپلەپ ئادەم يۆتكىگەنلىكىگە ئائىت بەزى ئۇچۇرلار بېرىلگەن.
بۇ خەۋەرگە قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى 10 يىل ئىچىدە ئۇيغۇر رايونىغا 15 مىڭ كارخانىنى جايلاشتۇرغان؛ «مائارىپ، پەن-تېخنىكا، مەدەنىيەت ساھەلىرىدە مۇتەخەسسىسلەر جىددىي كەم بولۇش» مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن 90مىڭ ئادەمنى كىرگۈزگەن.
خىتاي تاراتقۇلىرى «شىنجاڭغا ياردەم بېرىشنىڭ مول نەتىجىلىرى» دەپ تەشۋىق قىلغان بۇ خەۋەردە، 10يىلدىن بېرى «شىنجاڭغا ياردەم بەرگەن» ئۆلكىلەر 80 پىرسەنت مەبلىغىنى «خەلق تۇرمۇشى» غا سەرپ قىلغان، شۇنىڭ بىلەن خەلقنىڭ «بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ۋە بەخت تۇيغۇسى» ئاشقان. ئامېرىكادىكى ئانالىزچى ئىلشات ھەسەننىڭ قارىشىچە، بۇ يەردىكى «بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كۈچەيگەن» خەلقنىڭ ئاساسەن ئىچكىرىدىن كەلگەن خىتاي پۇقرالىرى ئىكەنلىكى كۆرۈنۈپ تۇرىدىكەن.
ئۇ: «شىنجاڭغا ياردەم» مەسىلىسى ھەققىدە سۆز قىلغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەشۋىقاتىدا ئۇيغۇرلار «تېررورچى، خەتەرلىك دۈشمەن» دەپ كۆرسىتىلگەنلىكى ئۈچۈن، ئىچكىرىدىن كېلىدىغان خىتايلاردا ئەنسىزلىك مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى، بۇنى يوقىتىش ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەر قايسى ئۆلكىلەرنى ياردەمگە چاقىرغانلىقىنى، خىتايلارنى «شىنجاڭغا يەرلەشتۈرۈش» ئۈچۈن كۆپلىگەن ئېتىبار سىياسەتلىرىنى يولغا قويغانلىقىنى، خىتاي زاۋۇتلىرى، خىتاي مەكتەپلىرى، خىتاي مەھەللىلىرىنى كۆپلەپ قۇرغانلىقىنى تىلغا ئالدى.