«بۈگۈنكى ئىسرائىلىيە» گېزىتى: ئۇيغۇرلار پەلەستىنلىكلەرگە باققاندا تېخىمۇ تەلەيسىز
2023.12.25
24-دېكابىر كۈنى، ئىسرائىلىيەدىكى ئەڭ چوڭ تاراتقۇلاردىن بىرى بولغان «بۈگۈنكى ئىسرائىلىيە» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدە، پەلەستىنلىكلەر بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى سېلىشتۇرما قىلىنغان.
ماقالىدە مۇنداق دېيىلگەن: « ئىسرائىلىيە بولمىسا ئىدى، پەلەستىنلىكلەر مەسىلىسى مەسىلە بولمايتتى، ياۋروپانىڭ چوڭ شەھەرلىرىدە قوزغالغان نامايىشلاردا ھېچكىم ‹پەلەستىنگە ئازادلىق!› دەپ شوئار توۋلىمايتتى، پەلەستىنلىكلەر ۋە ئۇلارنىڭ مەسىلىسى خىتايدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق كۈرەشلىرىگە ئوخشاش دۇنيادا بىلىنمەيدىغان بىر ھادىسە بولۇپ قالاتتى. خىتاي ئىسرائىلىيە ئەمەس، بەلكى دۇنيا سەھنىسىنى ئىگىلىگەن چوڭ گەۋدە بولغاچقا، ئۇيغۇرلار توغرۇلۇق خەۋەرلەر چوڭ مەتبۇئاتلاردا ئاساسەن كۆرۈلمەيدۇ».
ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى ئالدىنقى ھەپتە سەئۇدى ئەرەبىستان، ئىيوردانىيە، مىسىر، پەلەستىن ھۆكۈمەتلىرى، شۇنداقلا ھىندونېزىيە ۋە ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشكەندە، دۇنيانىڭ جىددىي ھەرىكەتكە كېلىپ، غەززەدىكى توقۇنۇشنى بېسىقتۇرۇشى كېرەكلىكىنى، خىتاينىڭمۇ پەلەستىن-خاماس توقۇنۇشىنى توختىتىشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بۇ ماقالىدە، ۋاڭ يىنىڭ خاماس باشلىغان تېررورلۇق ھۇجۇمى ھەققىدە ھېچنېمە دېمىگەنلىكى ئەيىبلەنگەن ۋە خىتايغا مۇنداق سوئال قويۇلغان: «خىتاي ھازىر پەلەستىنلىكلەرگە ئادالەت تەلەپ قىلىۋاتىدۇ. ئەمما خىتاي ئۆزىنىڭ مۇسۇلمان پۇقرالىرىغا ئادالەت بەردىمۇ؟ خىتاينىڭ غەربىي شىمالىدىكى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ياشاۋاتقان مۇسۇلمان مىللەتلەر ئۆز تۇپراقلىرىدا چىڭ تۇرۇپ ياشىماقتا، ئەمما خىتاي رەھبەرلىرى ئۇلارنىڭ بۇنداق ياشىشىنى خالىمايدۇ. 11 مىليون ئۇيغۇر بۇ رايوندىكى ئەڭ چوڭ مىللەت، ھېچقانداق ئەرەب ھۆكۈمىتى، جۈملىدىن پەلەستىن ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ بۇ مىللەتلەرگە قىلىۋاتقان زىيانكەشلىكىنى ئەيىبلىگىنى يوق، بۇ ئەڭ چوڭ ئىككى يۈزلىمىچىلىك».
بۇ ماقالىدە يەنە، خىتايدىكى ئۇيغۇرلار، بېرمىدىكى روھىنگا مۇسۇلمانلىرى ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچرىغاندا زۇۋان سۈرمىگەن مۇسۇلمان دۇنياسىنىڭ پەلەستىندە بىر ئىش چىققان ھامان قوزغىلىپ كېتىدىغانلىقىنى، گويا پەلەستىنلىك مۇسۇلمانلارنىڭلا دەۋاسى ھەممىدىن ئۇلۇغ، ھەممىدىن ئالاھىدە بولۇپ قالىدىغانلىقى، بۇنىڭدىكى سەۋەبنىڭ يەھۇدىي ۋە ئىسرائىلىيە دۈشمەنلىكى ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن.
ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئىسرائىلىيە ئون يىل مابەينىدە خىتاي بىلەن ئىقتىسادىي ھەمكارلىقىنى داۋام قىلىپ كەلگەن، ھەتتا خىتاي بىلەن يېقىنلىشىش ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى جاسۇسلۇق ۋە كېڭەيمىچىلىك ھەرىكەتلىرىگە سۈكۈت قىلىپ كەلگەن. ئەمما بۇ قېتىم ئىسرائىلىيەنىڭ خىتاي ھەققىدىكى خام خىياللىرى ۋە سىياسىتى تامامەن گۇمران بولغان، شۇنداقتىمۇ خىتاينىڭ پەلەستىن مەسىلىسىنى ھەل قىلىش جەھەتتىكى رولىغا سەل قارىغىلى بولمىغاچقا، خىتاي بىلەن مۇناسىۋەتنى تامامەن ئۈزۈشمۇ تەسكە توختايدىكەن.
ماقالىنىڭ ئاخىرىدا پەلەستىنلىكلەر بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى سېلىشتۇرما قىلىنىپ مۇنداق دېيىلگەن: «ئەمەلىيەتتە، پەلەستىندىكى توقۇنۇشلارغا ئىسرائىلىيە ئارىلاشقان ھامان پەلەستىن ئۇنىڭدىن سىياسىي مەنپەئەت ئالىدۇ. ئەگەر ئۇنداق بولمىسا، پەلەستىندىكى باي سىياسەتچىلەر بۈگۈنمۇ نامرات يالاڭتۆشلەردىن بولۇپ قالاتتى. چۈشكۈنلىشىپ ئۆزىنى يوقاتقان ۋە دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىشنى كۆزلىگەنلەر (خاماس تەشكىلاتى) ئۈچۈن ھامان بىر دۈشمەن (ئىسرائىلىيە) بولۇشى كېرەك. پەلەستىنلىكلەرنىڭ بۇنداق دۈشمىنى بار، ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ يوق».