ۋول-سىترېت دىرېكتورلىرى خىتاينىڭ ھەربىي ئىغۋاگەرچىلىكى ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە ياردەم قىلغان

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2022.12.08

«فوكس خەۋەرلىرى» تورى 8-دىكابىر ئېلان قىلغان بىر ماقالىسىدە ۋول-سترېت كوچىسىنىڭ خىتايدىكى زۇلۇمغا ياردەم بەرگەنلىكىنى ئەيبلەپ: «ئەگەر ئۇلار ھەقىقەتەن مۇھىت، جەمئىيەت ۋە ھۆكۈمەت بىلەن ھەمكارلىشىش ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلگەن بولسا، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى، ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ھەربىي ئىغۋاگەرچىلىكنى كۆرمەسكە سېلىپ، پۇل تېپىش بىلەنلا بولۇپ كەتمەيتتى» دېگەن.

ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، ۋول-سترېت كوچىسىدىكى ئىككى چوڭ شىركەت —قاراتاش (BlackRock)  بىلەن ج پ مورگان (JPMorgan) نىڭ دىرېكتورلىرى «داۋاملىق مەبلەغ سېلىش» نى تەشەببۇس قىلغۇچىلار بولۇپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇلار «مۇھىت، جەمئىيەت ۋە ھۆكۈمەت بىلەن ھەمكارلىشىش فوندى» تەسىس قىلىپ، ئۇنىڭغا نەچچە ئون مىليارد دوللار مەبلەغ سالغان، 2017-يىلدىن بېرى بۇ فوندنىڭ قىممىتى 300 مىليارد دوللارغا يېقىنلاشقان.

ئەمما قاراتاش شىركىتى ئۆتكەن يىلى مەبلەغ سالغۇچىلارغا خىتايغا سالغان مەبلىغىنى ئۈچ ھەسسە ئاشۇرۇش تەكلىپىنى بەرگەن بولۇپ، خىتايغا ئۇزۇن مۇددەتلىك مەبلەغ سېلىشنىڭ پايدىسىنى تەشۋىق قىلغان. يەنى بۇ شىركەت خىتاي كومپارتىيەسىنى باي قىلىش بەدىلىگە ئۇنىڭدىن نەپ ئېلىش يولىغا ماڭغان.

ماقالىدە مۇنداق دېيىلگەن: «ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ۋە ئامېرىكا خەلقىنىڭ ئەمدى بۇ ئالدامچىلىقنىڭ ھەقىقىي يۈزىنى، يەنى بۇ شىركەتلەرنىڭ خىتاي كومپارتىيەسىگە مەبلەغ ماڭدۇرۇۋاتقانلىقىنى تونۇپ يېتىدىغان ۋاقتى كەلدى. بۇ قىلمىش خىتاينىڭ تېخىمۇ زامانىۋىي ۋە خەتەرلىك ئارمىيە قۇرۇپ، تەيۋەنگە تەھدىت سېلىشىغا ياردەم بېرىپلا قالماي، ئامېرىكانىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە ئاپەت كەلتۈرىدۇ، شۇنداقلا ئامېرىكانىڭ خىتايدىكى تەمىنلەش زەنجىرىگە بولغان بېقىندىلىقىنى ئازايتىش تىرىشچانلىقىنى يوق قىلىدۇ».    

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.