15-نۆۋەتلىك «خالىفەكس خەلقئارا خەۋپسىزلىك مۇنبىرى» غا ئۇيغۇر ۋەكىللەرمۇ قاتناشقان

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئىرادە تەييارلىدى
2023.11.20

 «خالىفەكس خەلقئارا خەۋپسىزلىك مۇنبىرى» غا ئۇيغۇر ۋەكىللەرمۇ قاتناشقان.

خالىفەكس خەلقئارا خەۋپسىزلىك مۇھاكىمە مۇنبىرى (Halifax International Security Forum) ھەر يىلى بىر قېتىم كانادادا ئۆتكۈزۈلىدىغان نوپۇزلۇق بىخەتەرلىك يىغىنى بولۇپ، ئۇنىڭغا دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك سىياسىيونلىرى، دىپلوماتلار، ھەربىي ئەمەلدارلار ۋە ئۇلارنى ھىمايە قىلغۇچىلار قاتنىشىدىكەن.

بۇ مۇنبەرنىڭ 15-نۆۋەتلىكى 17-نويابىردىن 19-نويابىرغىچە داۋام قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭغا ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ كومىسسارى نۇرى تۈركەل، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ۋە كانادادىكى «ئۇيغۇر ھەقلىرىنى ھىمايە قىلىش قۇرۇلۇشى» نىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى مەمەت توختى قاتارلىقلار قاتناشقان.

ئۇلار بۇ 3 كۈنلۈك مۇنبەر جەريانىدا سىياسەتچىلەر، دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت باشلىقلىرى، ھەربىي ئەمەلدارلار، ژۇرنالىستلار ۋە پائالىيەتچىلەر بىلەن كۆرۈشۈپ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە پىكىر ئالماشتۇرغان.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسا «X» تىكى ئىنكاسىدا يىغىندىكى ئۇچرىشىشلىرىنىڭ ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.