«خاماس» نىڭ غەززەدە نۇرغۇن مىقدارىدىكى خىتاي قورال-ياراغلىرىنى ئىشلەتكەنلىكى مەلۇم بولغان

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەركىن تەييارلىدى
2024.01.08

ئۆتكەن يىلى 7-ئۆكتەبىردە پارتلىغان ئىسرائىلىيە-خاماس توقۇنۇشىدا، پەلەستىن جىھاتچى قوراللىق تەشكىلاتى «خاماس» نىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئالاھىدە دىققەت قوزغىغان ئىدى. نۆۋەتتە، ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى «خاماس» نىڭ غەززەدە نۇرغۇن مىقداردىكى خىتاي ئاپتوماتلىرى، گىرانات ئاتقۇچى ۋە ئىلغار تىپلىق ئالاقە ئۈسكۈنىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن مىقداردىكى خىتاي قورال-ياراغلىرىنى ئىشلەتكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە. ئەنگلىيە «تېلېگراف گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىسرائىلىيە -خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنى جىددىيلەشتۈرۈۋېتىدىغان بۇ ھادىسىدە، بۇ قوراللارنىڭ «خاماس» قا قانداق يېتىپ كەلگەنلىكى سوئال پەيدا قىلماقتا ئىكەن.

خەۋەردە يەنە ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى «خاماس»نىڭ قورال-ياراغ ئىسكىلاتلىرىدىن ئولجا ئالغان قورال-ياراغلارنىڭ ئۇزۇن مۇساپىلىق قارىغا ئېلىش ئەينىكى، M16 تىپلىق قوراللارنىڭ ئوق دىسكىسى، ئاڭلاش ئۈسكۈنىلىرى ۋە تاكتىكىلىق ھەربىي رادىيو ئالاقە ئەسۋابلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

«تېلېگراف» گېزىتىنىڭ قەيت قىلىشىچە، ئىسرائىلىيە ئىستىخبارات ئورۇنلىرى «خاماس» نىڭ ئېرىشكەن قورال-ياراغ ۋە تېخنولوگىيەسىدە كۆرۈنەرلىك ئىلگىرىلەش بولغانلىقىنى بايقىغان بولۇپ، بۇ ئۇلاردا يۇقىرىقى قورال-ياراغلار بىۋاسىتە خىتايدىن كەلدىمۇ ياكى 3- بىر تەرەپ ئارقىلىق كەلدىمۇ، دېگەن ئەندىشە پەيدا قىلغان. ئىسرائىلىيەنىڭ بىر ئىستىخبارات ئەمەلدارى «تېلېگراف» گېزىتىگە سۆز قىلىپ، ««بۇ خىل يۇقىرى تېخنىكىلىق قورال-ياراغلار ۋە ئالاقىلىشىش تېخنىكىسى، ‹خاماس› تا ئىلگىرى بولۇپ باقمىغان نەرسىلەردۇر، بۇ خىل مۇرەككەپ پارتلاتقۇچلار، بولۇپمۇ بۇنداق كۆپ مىقداردا تېپىلىپ باقمىغان» دېگەن. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بۇ قوراللارنىڭ ئىستىخبارات ۋە ئالاقە ئۈسكۈنىلىرى بىلەن تولۇقلانغانلىقى، بۇ ئۈسكۈنىلەرنى «خاماس» ئىسرائىلىيە قىسىملىرىغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىشتا قوللىنىۋاتقان يەر ئاستى تونېللىرىدا ئىشلىتىشكە بولىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان. نۆۋەتتە، خىتاي قورال-ياراغلىرىنىڭ غەززەدە بايقىلىشى «ھەيران قالارلىق ئىش» دەپ سۈرەتلەنمەكتە، شۇنىڭدەك بۇ ئىسرائىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنى تېخىمۇ كەسكىنلەشتۈرۈۋېتىدۇ، دەپ قارالماقتا. ئۆتكەن يىلى 7-ئۆكتەبىر كۈنى «خاماس» نىڭ ئىسرائىلىيەگە تۇيۇقسىز تېررورلۇق ھۇجۇمى قوزغاپ، 1300 دىن ئارتۇق ئىسرائىلىيەلىكنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى، ئىسرائىيەنىڭ غەززەگە قارىتا كەڭ كۆلەملىك ھەربىي ھەرىكەت باشلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.