ئامېرىكا-خىتاي رەھبەرلىرى ئۇچرىشىشىنىڭ ئۇيغۇرلارنى جىددىيلەشتۈرگەنلىكى ئامېرىكا ئاخباراتلىرىدىن ئورۇن ئالدى
ئامېرىكا ن ب س خەۋەرلەر تورى (NBC News) 19-نويابىردىكى خەۋىرىدە، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جوۋ بايدېن بىلەن خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ئۇچرىشىشىنىڭ ئۇيغۇرلارنى جىددىيلەشتۈرگەنلىكىنى خەۋەر قىلغان.
ئۇلار خەۋىرىدە، زىبا مۇراتقا ئوخشاش يېقىنلىرى لاگېرغا قامالغان ئامېرىكالىق ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن ئىككى رەھبەرنىڭ ئۇچرىشىشىنىڭ يېقىنلىرىنىڭ ۋەزىيىتىدە ئىجابىي ئۆزگىرىش ياسايدىغان يوشۇرۇن پۇرسەتكە ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقىنى، شۇڭا ئۇيغۇرلارنىڭ پىرېزىدېنت بايدېننىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى تىلغا ئېلىشىنى ئەندىشە ئىچىدە كۈتۈۋاتقانلىقىنى دېگەن.
ماقالىدا، خىتاي تۈرمىسىدىكى دوختۇر گۈلشەن ئابباسنىڭ ئامېرىكادىكى قىزى زىبا مۇرات، شۇنىڭدەك نۇرى تۈركەل، ئەلفىدار ئىلتەبىر ۋە روشەن ئابباس قاتارلىق ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ سۆزلىرى ئورۇن ئالغان. زىبا مۇرات سۆزىدە، بايدىن ھۆكۈمىتى ئەگەر خالىسا بۇ ئۇچرىشىشنى ئاپىسى گۈلشەن ئابباسنىڭ قويۇپ بېرىلىش پۇرسىتىگە ئايلاندۇرالايدىغانلىقىنى، ئەمما ھازىرغىچە ئاپىسىنىڭ ئەھۋالىدا كۆرۈنەرلىك ئىلگىرىلەش بولمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ماقالىدا يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ بايدىن-شى جىنپىڭ ئۇچرىشىشىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئارقا پىلانغا ئىتتىرىپ قويۇشىدىن ئەنسىرەۋاتقانلىقىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى رەئىسى نۇرى تۈركەل ئەپەندى ن ب س گە قىلغان سۆزىدە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئەزالىرى ئارىسىدا ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىققا نىسبەتەن چوڭقۇر ھېسداشلىق بولسىمۇ، بىراق ئۆزلىرىنىڭ «ئەمەلىي ھەرىكەتنى كۆرۈشنى خالايدىغانلىقى» نى تەكىتلىگەن.
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى قارمىقىدىكى خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتى ئەزالىرى بايدىن ھۆكۈمىتىگە بىر قىسىم ئۇيغۇر ۋە خىتاي تۇتقۇنلارنىڭ تىزىملىكىنى ئەۋەتىپ، شى جىنپىڭ بىلەن ئۇچراشقاندا ئۇلارنى سۈرۈشتۈرۈشنى تەلەپ قىلغان ئىدى. بىراق ھازىرغىچە بۇ تىزىملىكنىڭ تىلغا ئېلىنغان ياكى ئېلىنمىغانلىقى ھەققىدە بىرەر خەۋەر يوق.